بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە مەنزىرە رايون يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى «بايىنغولىن ساياھىتى»نى راۋانلاشتۇرايلى

ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە مەنزىرە رايون يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

«بايىنغولىن ساياھىتى»نى راۋانلاشتۇرايلى

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئوبلاستىمىزغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ راۋان يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئوبلاستىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە مەنزىرە رايون يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى بويىچە تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى داڭ فېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    يىغىندا يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىندى شۇنداقلا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىر ۋە چارە – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئاپتوموبىل، كىشىلەر ئېقىمىنىڭ توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، يىغىندا، ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش، يول يۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، «يېشىل» يول ئېچىش، مەنزىرە رايونلىرىدىكى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چوقۇم«نۇقتىلىق تۈردە تەكشۈرۈش، مۇھىم نۇقتىنى تەكشۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا قاتناش توسۇلغان ۋاقىتتا، قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرگە ئاساسەن، ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق قىستاڭچىلىقنى پەسەيتسە بولىدۇ. يولى تار دۆلەت يولى، ئۆلكە يوللىرىدا ئاسانلا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار گىرەلەشمە ھالەتتە يول يۈرسە بولىدۇ.

    ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇناسىۋەتلىك تارماقلار جۇڭگو نېفىتلىكى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە شىركىتى بىلەن ماسلىشىپ، مەنزىرە رايونلىرىدا كۆچمە ماي قاچىلاش ئاپتوموبىللىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشى ھەمدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ماي قاچىلاش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەنزىرە رايونلاردىكى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىنىڭ بېسىمىنى ھەقىقىي تۈردە يېنكلىتىش لازىم.

    قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدىكى تاماق يېيىش ۋە تۇرالغۇ تېپىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا،يىغىندا جولما ۋە كىگىز ئۆيلەرنى ۋاقىتلىق كۆپەيتىپ، ئەتراپتىكى پۇقرالارنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئۆيلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، بارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جەھەتتىكى قىينچىلىقنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىنىدى.

    ھاجەتخانا ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، يىغىندا، ساياھەتچىلەر كۆپ ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق كۆچمە ھاجەتخانىلارنى قۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانا ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

    بىر قىسىم مەنزىرە رايونلىرى ۋە يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ باھاسىنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، يىغىندا، مال باھاسىنى باشقۇرۇش، نازارەتچىلىك قىلىش جەھەتتە يۇقىرى – تۆۋەن ئورۇنلار كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسپات يىغىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى باھانى بېكىتىپ،مەنزىرە رايونلىرىدا باھا جەھەتتە لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش مېخانىزىمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونى ۋە مۇناسىۋەتلىك سودىگەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ باھا جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، بۇيرۇق بولسىمۇ ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىمە بار تۇرۇپ يەنىلا قىلىش شۇنداقلا كۆپ سوممىلىق ئوبوروت ئارقىلىق شېرىنكانە تالىشىش، مەنزىرە رايونىنىڭ مال باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا،مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى قۇرۇپ، بىرلەشمە ئىبرەت تەربىيە پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قاتناش، ج خ ئورۇنلىرى، ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارجىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ناۋادا تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرسە، تېزلىكتەجىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم.مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىشى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى لازىم. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ساياھەت ئەۋج ئالىدىغان پەسىلدە قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرى ۋە يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ مەركەزلەشكەن جايلارغا بېرىپ،ساياھەتچىلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلىشى، قاراتملىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلشى لازىم.بىر قىسىم ۋاقتىنچە ھەل قىلالمايدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەل ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ ھەل قىلىشى لازىم.    (ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى