بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – قېتىملىق پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – قېتىملىق پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چەي دۇڭبو خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 10 -كۈنى ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – قېتىملىق پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلغان دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «خەلق قۇرۇلتىيى خام چوتىنى تەكشۈرۈش نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكىچە كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

    ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر شى جيەنيۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

    شى جيەنيۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇئاۋىن شۇجى لى پېڭشىن ۋە مۇدىر شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزى خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە، خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 +1» ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ــ باشتىن – ئاخىر ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئورگان، ئاساسىي قانۇندىكى قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنى، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلايدىغان ۋاكالەت ئورگىنى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى پىدا قىلىمىز.

    شى جيەنيۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى دوكلات قىلىشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى تۈزۈمىنى دوكلات قىلىشى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەستىقلىغاندىن كېيىن، كېلەر يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇشى كېرەك، دۆلەت مۈلكىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتىنى تەكشۈرۈش -نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكىچە كېڭەيتىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ماددىي ئەشيا ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خامچوتىنى تەكشۈرۈش -نازارەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت چىقىمىنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يېڭى ھاياتىي كۈچ بىلەن توشقۇزۇشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى مۇئاۋىن باش كاتىپ، ھەر قايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.   (ئاينۇر قادىر تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى