بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2018»نىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2018»نىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ كوللېكتىپ تۈردە، ئالتە يەككە تۈردە 1 – لىككە ئېرىشتى

    8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2018»نىڭ مۇسابىقە ئاخبارات مەركىزىدە مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتە. سۈرەتتە: ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.       (مۇخبىرىمىز چېن جيەنفېي فوتوسى)

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى سائەت 10 دا، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ــ 2018»نىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچىلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار بۇ يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى لياۋ يەنلىڭ داشياۋ ئالدى بىلەن «سۇۋوروۋ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش» پىيادە قىسىم تانكا گۇرۇپپىسى، «سۈزۈك ئاسمان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىسىم، «بىخەتەر لىنىيە» ساپيورلار شۆبە ئەترىتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ كوللېكتىپ تۈردە 1 – لىككە، ئالتە يەككە تۈردە 1 – لىككە ئېرىشتى. لياۋ يەنلىڭ داشياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئون دۆلەتتىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتناشقان جەڭچىلەر مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئالغا بېسىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مۇسابىقە باشتىن – ئاخىر ئادىل، باراۋەر، ئۆز ئارا ئۆگىنىش – ئۆرنەك ئېلىش، دوستلۇق، ئورتاق پايدا ئېلىش كەيپىياتى ئىچىدە قانات يايدۇرۇلدى، ھەر قايسى مۇسابىقىگە قاتناشقان جەڭچىلەر قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەربىي ساپاسى ۋە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەر بىر جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يەڭگۈچى، ھەر بىر كوماندىلار بىزنىڭ ئاپرىن ئوقۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئارقىدىنلا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇخبىرلارنىڭ سوئال سوراش ھالقىسىغا كىردى.

    ئۆزبېكىستان كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىشلىرىدا تولۇقخىزمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھوسۇلى دەل جۇڭگونىڭ ترېنېرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئىلغار مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغانلىقى بولدى.

    مىسىر كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى  مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مىسىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «سۈزۈك ئاسمان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىسىم تۈرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم ئەزالارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى، جۇڭگو تەرەپ ترېنېرلىرىنىڭ قان – تەرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپكە كۆپ رەھمەت، يەنە «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» نىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

    ــ جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن – ئاخىر«ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان جەڭچىلىرى ئۈچۈن ئوخشاش مۇسابىقە ۋە تەييارلىق مۇسابىقىسى شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى، – دېدى رۇسىيە كوماندىسىنىڭ يېتەكچى ۋەكىلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى نەتىجىسىنى بۇلتۇرقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت جەڭچىلىرىنىڭ مۇسابىقىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىلىشىشى، شۇنداقلا «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» نىڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. كېلەر يىللىق مۇسابىقىگە ئىنتايىن تەقەززا بولۇۋاتىمىز، يەنە ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ــ بۇ پەقەت بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپلا قالماي، يەنە قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشقا ئوخشايدۇ، – دېدى ۋېنېسۇئېلا كوماندىسىنىڭ يېتەكچى ۋەكىلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، شۇنداقلا ھەر قايسى ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مۇسابىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

    ئاخىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا يېتەكچىلىرىنىڭ ۋەكىلى كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.   (رامىلە غېنى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى