بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە تۈزىدى

ئوبلاستىمىز ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە تۈزىدى

    2020 – يىلىغا بارغاندا ئوبلاستىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ئۈنۈملۈك توسۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېزا ئىگىلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئوبلاستىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مېخانىزم» دەپ ئاتىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

    ئوبلاستىمىز «ئالدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئايلانما تەرەققىيات، بۇلغىما مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش» خىزمەت پىرىنسىپى ۋە «تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش» تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى خورىتىشتىن بايلىق تېجـەر،مۇھىت سۆيەر تىپىغا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈملۈك، مەھسۇلات بىخەتەر، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا پىلانى، تۈر ۋە راسخوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە كەسپى دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يەرنىڭ ھاسىلات نىسبىتى، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۇساپىنى قاپلىغان، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن، قولايلىق، ئۈنۈملۈك يېڭى تىپتىكى ئىجتىمائىيلاشقان يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سىتىۋېلىش ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تۈزەشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئىكولوگىيە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمنى قۇرۇش توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ.

    «مېخانىزم» غا ئاساسەن، ئوبلاستىمىز سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باقمىچىلىقتىن بولىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىزلاردىـكى كونا سۇلياۋ يـوپۇقنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، شاخ – شۇمبىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كېڭەيتىدۇ. تېرىلغۇ يەرنىڭ ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئوبلاستىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى ئۈنۈملۈك توسۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر كونترول، ئىككى ئازايتىش، ئۈچ ئاساس» نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «بىر كونترول» يېزا ئىگىلىكىدىكى ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىدىكى سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى پەقەت ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېتىز – ئېرىق سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئىككى ئازايتىش» خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتىنى باشلاپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسى بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى ۋە زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ دورىسىز ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئاساسلىق زىرائەتلەرگە خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۈچ ئاساس» چارۋا – قۇشلارنىڭ قىغى، زىرائەتلەرنىڭ شېخى ۋە سۇلياۋ يوپۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى يىغىۋېلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەملەشكەن چارۋا – قۇش باقمىچىلىق مەيدانى (مەھەللە) دىكى تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شاخ – شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.       (مۇنىرە بەكرى تەرجىمىسى)

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى