Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تولغان دوختۇرخانا بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تولغان دوختۇرخانا بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 09 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 165 قېىتىم

كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تولغان دوختۇرخانا بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

8-ئاينىڭ  5-كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ئالاھىدە كېسەل رايونىنىڭ يىغىن زالىدا، تېببىي خادىملار كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى)

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ:8  – ئاينىڭ 5 – كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى  ئالاھىدە كېسەل رايونىنىڭ يىغىن زالىدا، ئالاھىدە كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى ليۇ دۇڭجېڭ خىزمەتداشلىرى ۋە بىمارلار بىلەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: ئىككى ئايدىن بۇيان، مەن باش شۇجىنىڭ بىر قانچە كىتابنى ئوقۇدۇم، باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى. مەن بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن. ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاھىدە كېسەل رايونىدا، مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بىمار پېي شىڭخۇا مۇنداق دېدى: دوختۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئاڭلاپ، تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بىمار پېي شىڭخۇا دوختۇرخانىنىڭ «كىتاب ئوقۇش كۆزنىكى»دىن «شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى» ناملىق كىتابنى ئارىيەتكە ئالدى ھەمدە بۇ كىتابنى دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقماقچى بولدى.

    ئوبلاستىمىزدا «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومى مەزكۇر پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەمدە پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ۋە پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ خىزمەت يىغىنىنى دەرھال چاقىرىپ، ھەر قايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىغا كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش بويىچە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئارقىلىق ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ياچېيكا شۇجىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق بۆلۈمدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ  ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    دوختۇرخانا ئۈندىدار، جامائەت سۇپىسىدا «شى جىنپىڭنىڭ كىتابىنى ئوقۇش» مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ھەر ۋاقىت  ئۆگىنىشىگە  قولايلىق يارىتىلدى. دوختۇرخانىدىكى  30پارتىيە ياچېيكىسى «X+8» ئاساسىي تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى پارتىيە دەرسى ۋە مىكرو پارتىيە دەرسىگە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەتلەرگە سىڭدۈردى. دوختۇرخانىدىكى 465 پارتىيەلىك كادىر كىتاب ئوقۇش تەسىراتى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئەستايىدىل يازدى.

    ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى جاۋ خۇاۋېي مۇنداق دېدى: بىز  ئامبۇلاتورىيە زالى، يېتەكچى سۇپا ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدە «كىتاب ئوقۇش كۆزنىكى» تەسىس قىلىپ، تېببىي خادىملار ۋە بىمارلارنىڭ ھەر ۋاقىت مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشىغا قولايلىق ياراتتۇق. بىز پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇشقا، كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا، ياخشى كىتابنى ئوقۇشقا، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى تېببىي خادىملاردىن  بولۇشقا چاقىرىق قىلدۇق.

    جاۋ خۇاۋېي مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېڭى ئۆستى، ئۇلار  ئالدىراشلىق ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈردى. دوختۇرخانا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتابنى بېرىلىپ ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تولغان دوختۇرخا بەرپا قىلىمىز.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى