Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىزدىكى كۆپ قىسىم تارماقلار بىرلىشىپ ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى كۆپ قىسىم تارماقلار بىرلىشىپ ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 09 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,107 قېىتىم

ئوبلاستىمىزدىكى كۆپ قىسىم تارماقلار بىرلىشىپ ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

    ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇز ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىن 4 ـ كۈنىگىچە، ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى باش بولۇپ، ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئوبلاستلىق يېمەكلىك -دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇز ئىشلىرى شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى بۈگۈر، قاراشەھەر، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى ئاش تۇزىنى نۇقتىدا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، ئاش تۇزىنى توپ سېتىش بېكىتىلگەن كارخانىلار، پارچە سېتىش نۇقتىلىرى، يېمەكلىك تۇز كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى (شىنجاڭ خەيباۋ دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، شىنجاڭ جىيۇدىڭ نەشپۈت شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى) قاتارلىق جايلاردا ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ۋە توشۇش، سېتىش ھالقىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايقالغان مەسىلىلەرنى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدى. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئاش تۇزى مەھسۇلاتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە توپ ساتماسلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا سودىگەرلەرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاش تۇزىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش بىرلەشمە ھەرىكىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    تەكشۈرۈش مەزمۇنى: (1) تۇز ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى. ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى تەكشۈردى. تۇز ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر – سەنئەت ئۆلچىمى ۋە تازىلىق ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، غەيرىي ئاش تۇزىنى نۇقتىدا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، نىسبەتەن ناچار تۇز ئىشلەش، ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ ماتېرىيال ئوغرىلاش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.

    (2) ئاش تۇزىنى توپ تارقىتىش ھالقىسى. بىرىنچى، سانائەت تۇزى، سانـائەت داشقىلى، كېرەكسىز تۇز، يەم – خەشەك خۇرۇچى ناترىي خلورىد ۋە سىرتقى قاپ ئورالمىسىدا بەلگە بولمىغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئاش تۇزى دۆلەت ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئاش تۇزىنى پارچە سېتىش تور نۇقتىسى، يېمەك – ئىچمەك، رېستوران، ئىدارە ئاشخانىسى ۋە بازاردا شور تۇز سېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ ئىككىنچى، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىسلاھات ئۆتكۈنچە مەزگىلىدە ئاش تۇزىنى مەخسۇس باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»، «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىشخانىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىنىڭ تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپى بويىچە، تۇز بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.

    (3) ئاش تۇزى ساقلاش ۋە توشۇش ھالقىسى. ئاش تۇزىنى توپ زاپاس ساقلىغۇچى كارخانىلار ساقلىغان، ئۆزى ئەشيا ئوبوروتى قىلغان ياكى 3 – تەرەپكە ھاۋالە قىلغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ساقلاش مۇئەسسەسىلىرىنىڭ تازىلىق شارائىتى دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئاش تۇزىنى توشۇش ۋە قاچىلاش – چۈشۈرۈش سايمىنى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئاش تۇزى بىلەن زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ياكى توشۇش قاتتىق چەكلەندى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى