Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىزدا «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 09 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 837 قېىتىم

ئوبلاستىمىزدا «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 -ئاينىڭ 7 -كۈنى، ئوبلاستىمىزدا «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دېلولارنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئوبلاستىمىزنىڭ يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ، خەلق ئاممىسىنى ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇشقا سەپەۋەرلىك قىلىندى.

ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۈ ۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ لۇجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدى.

    يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتى ـــ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ يېڭىش – يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئوبلاستىمىزنىڭ يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە مەسىلە يۆنىلىشىدە ۋە تۆۋەن چەك ئېڭىدە  چىڭ تۇرۇپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت -شىجائەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاممىغا نامايان قىلىپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئەدلىيە  ئىشەنچىلىكىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى مەسىلە ۋە كەمتۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ پائال قوللىشى، تارماقلارنىڭ پائال ماسلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ھەل قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىجرا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىشى جايىدا بولماسلىق، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئىجرا قىلىش خىزمەت تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» خىزمىتىگە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزۈش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تاقابىل تۇرالايدىغان، غەلىبە قازىنالايدىغان بىر تۈركۈم ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى كـۈچەيتىـپ، پۈتۈن جەمئىيـەتتە قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانـۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ھۆكۈم –كېسىم نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھەمكارلىشىدىغان ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجرا قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

    يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكىلىدە ئېچىلدى. يىغىندا، پۈتۈن ئوبلاستتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك  ناھىيە (شەھەر)ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئوبلاستلىق سوت، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ياڭ لىڭ، جەي چىڭخې، كەن.باتە، ۋاڭ گويۈ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى