Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراشەھەر ناھىيەسى خۇردۇن كەنتىدە «تۆت پېشقەدەم»لەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراشەھەر ناھىيەسى خۇردۇن كەنتىدە «تۆت پېشقەدەم»لەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 08- 08 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,093 قېىتىم

ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراشەھەر ناھىيەسى خۇردۇن كەنتىدە «تۆت پېشقەدەم»لەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

   

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جۇڭۋاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 3 -كۈنى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراشەھەر ناھىيەسى شىكشىن بازىرى خۇردۇن كەنتىدە «تۆت پېشقەدەم»لەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خۇردۇن كەنتىدىكى گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئەن فېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    سۆھبەت يىغىنىدا، پېشقەدەم ھەربىي ۋەكىل ۋاڭ يىڭلۇڭ، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار ۋەكىلى چىن يۈجېن، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىلى تۇنىياز مەمەت قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلدى. «تۆت پېشقەدەم»لەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، سۇ، توك، يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، كېسەل كۆرسەتسەك ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. ھەر يىلى ھېيت – بايراملاردا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز سوۋغا – سالاملارنى كۆتۈرۈپ يوقلاپ كېلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا يار – يۆلەك بولۇپ، تېخىمۇ ئىناق بولماقتا.

    ئەن فېڭ «تۆت پېشقەدەم»لەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ خۇردۇن كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ كەلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۆت پېشقەدەم»لەر كەنت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى پىششىق بىلىدۇ، خىزمەت تەجرىبىسى مول، ئاممىۋى ئاساسى ياخشى، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقى؛ «تۆت پېشقەدەم»لەر لېكسىيە سۆزلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پۇقرالارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈشى، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك؛ «تۆت پېشقەدەم»لەر مەسلىھەت بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خۇردۇن كەنتىنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيە – قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كونا ۋە قالاق ئادەتلەردىن ۋاز كېچىپ، ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، خۇردۇن كەنتىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئۈلگە قىلىشى كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى