بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كۇتۇپخانا مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە ياردەمچى بولۇش

    8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» مەخسۇس پۇكىيىنىڭ ئالدىدا كۇتۇپخانا خادىمى بىلەن ئوقۇرمەن پىكىر يۈرگۈزمەكتە.           مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن فوتوسى

    ئوبلاستىمىز «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا ئوقۇرمەنلەر كۆپەيدى. ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،يىل بېشىدىن ھازىرغا قەدەر، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان ئادەم سانى 395مىڭ ئادەمگە، كىتاب ئارىيەت ئېلىش تۈرى 12مىڭ 300 پارچىغا يەتكەن. 6  -ئايدا، 3067 ئادەم كىتاب ئارىيەت ئېلىش گۇۋاھنامىسى بېجىرگەن.

    بۇ يىل 5 – ئايدىن بۇيان، ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»، «كاپىتال»، «پولات قانداق تاۋلاندى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىتابلاردىن 20 مىڭ  پارچىدىن ئارتۇق سېتىۋېلىپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەندىزىسى يارىتىپ «يېڭى دەۋردە ئائىلە كۇتۇپخانىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»، كۇتۇپخانىغا «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» مەخسۇس كىتاب قويۇش ئورنى تەسىس قىلىپ، كۇتۇپخانىنى ئوبلاستىمىزدىكى ھەرمىللەت ئامما ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق بازىغا ئايلاندۇردى.

    ئوقۇرمەنلەرنى تېز سۈرئەتتە باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئارىيەت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا بىر مىنۇتتا باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئارىيەت ئېلىشقا بولىدىغان مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويدى.

ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ 1 – قەۋەت ئۇنىۋېرسال ئارىيەت بېرىش ئورنىغا«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشلەپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»  قاتارلىق كىتابلارنى تىزغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئارىيەت ئالغاندا بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ، كۇتۇپخانا خادىمى بىر مىنۇت ئىچىدىلا ئارىيەت بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولالايدۇ.

    ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۈزمە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم ئوبلاستىمىز «باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابنى ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان كۇتۇپخانىمىز مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئوبلاست بويىچە ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئۇقۇشقا ماھىر بولۇش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنى نەق مەيداندا كىتاب ئارىيەت ئېلىش، تېلېفوندا ئارىيەت ئېلىش، توردا ئارىيەت ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ياراتتى. ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا يەنە ھەرىكىتى قولايسىز ئوقۇرمەنلەرگە باش شۇجىنىڭ كىتابىنى ھەقسىز سوۋغا قىلدى.  شىرىنئاي رېھىم تەرجىمىسى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى