بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 2018 – يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى خېجىڭ ناھىيەسىدە ئېچىلدى

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 2018 – يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى خېجىڭ ناھىيەسىدە ئېچىلدى

    شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «تۆت زور كۈچ بىلەن»نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

    ئۆز خەۋىرىمىز: 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 2018 – يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى خېجىڭ ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن «تۆت زور كۈچ بىلەن»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومنىڭ شۇجىسى، باش قوماندانى لى جېنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 2 – شى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دېۋىزىيە باشلىقى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى فەن چىڭخۇا، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شۇشىن يىغىنغا قاتناشتى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىغىن قاتناشچىلىرى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ساغانتۈنگۈ كەنتى خېبېي بالىلار باغچىسى، خېجىڭ ناھىيەسى خېبېي يېڭى كەنتى، خېجىڭ ناھىيەسى خېبېي ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈرنى تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش، تۈرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەھەتلەردىن تەربىيەلەندى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە دۇچار بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇتەخەسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن «تۆت زور كۈچ» نى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. بىرىنچى، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئورنىنى زور كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ چىڭ تۇتۇش لازىم. بايىنغولىن ئوبلاستى، 2 – شىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «يەتتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يەتتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيـەت يـارىتىش لازىم؛ ئىككىنچى، دىققەتنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم؛ ئۈچىنچى، تۈرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىناق تۈرنىڭ نەمۇنىچىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. تۈرنى ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىناق تۈرنىڭ نەمۇنىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم؛ تۆتىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى ۋە مەبلەغنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش لازىم.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر خىزمىتىنى تۇتۇشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش لازىم. تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش لازىم. تۈر ۋە مەبلەغنى باشقۇرۇش چارىسىنى يەنىمۇ تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ ئاجرىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. تۈرنىڭ يۈرۈشۈشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈر باشقۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تەشەببۇسكارلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 13 – بەش يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ ئارىلىقتىكى تەڭشەشنى بالدۇر باشلاش لازىم.

    ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىرى، مۇئاۋىن باش قوماندانلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە مەسئۇل يولداشلار ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى، 2 – شى ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى