Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 04- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,550 قېىتىم

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 12-تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىسالىدىن جەمئىي توققۇزنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە-ئېغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىپ قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، « ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدارلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

   1-دېلو مىسالى : قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئاx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 23 ياش، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىن)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئاxغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   2-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ياx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش، تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، تورداشلار ياx (ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدىن)نىڭ يان دېسكىسىغا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقى، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ياx غا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   3-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى مىx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

   2018 -يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، تورداشلار مىx(ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن)نىڭ كومپىيۇتېرىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى مىx غا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   4-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تورئەھلى ئەيx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلەرنى  تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، تورداشلار ئەيx(ئەر، ئۇيغۇر، 34 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئەيx غا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   5-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى كۇxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى ساقلاش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، تورداشلار كۇx(ئەر، ئۇيغۇر، 23 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ يانفونىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى كۇx غا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   6-دېلو مىسالى : ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى يېxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار يېx(ئەر، ئۆزبېك، 31 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يېxغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   7-دېلو مىسالى : شىخەنزە شەھىرىدىكى تور ئەھلى لۇx نىڭ قانۇنسىز يىغىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئۇنى پىلانلاش دېلوسى

   2018-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، تورداشلار لۇx (ئەر، خەنزۇ، 37 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا ئاممىنى قانۇنسىز يىغىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ۋە ئۇنى پىلانلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى لۇ xغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   8-دېلو مىسالى: شىخەنزە شەھىرىدىكى جاڭxنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، تورداشلار جاڭx (ئەر، خەنزۇ، 42 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جاڭxغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   9-دېلو مىسالى: بورتالا ئوبلاستىدىكى شۈ xنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، تورداشلار شۈ x(ئەر، خەنزۇ، 29 ياش، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۈ xغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىننىي ئەسەبىيلىك ۋە  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يېزىق، رەسىم، ئۈن-سىنلەرنى تەرغىپ قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال-ياراق، چەكلەنگەن قوراللارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار ۋە ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار، ھاقارەت قىلغان، تەھدىت سالغان، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يېزىق، رەسىم، ئۈن-سىنلەر بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق بوي سۇنۇپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئىنتېرنىت مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ئۆز ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى : شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى 12110

(مەنبە:تەڭرىتاغ تورى)

(مەنبە:http://uy.ts.cn/system/2018/04/08/035156966.shtml)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى