Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 02- 26 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,617 قېىتىم

    مۇخبىرىمىز كاڭ خۇينا خەۋەر قىلىدۇ: ــ ھاكىم توغرا دەيدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى!

    ــ شۇنداق، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم تۇرسۇنجان ئەبەيدۇللا يېڭىسار بازىرى بوستان كەنتىدىكى ئاممىغا يۈز تۇرانە لېكسىيە سۆزلەپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

    2 – ئايدىن باشلاپ، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاممىغا يۈزتۇرانە تەشۋىق – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەلىك تۆت بەنزىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن يېزا، ئورۇن، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنى، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقىنى تەشۋىق قىلدى.

    2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، بوستان كەنتىدىكى كادىر ۋە ئامما ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بوستان كەنتىدىكى ئاھالىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بالدۇرلا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا باردى، 200 دىن ئارتۇق ئادەم چوڭ يىغىن زالىغا يىغىلدى.

    بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتتا ئالدى بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىكى پۇقرالارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلار سۆزلەندى، تەشۋىقات ئاممىباب تىل بىلەن سۆزلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلەر چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈلدى، ئۇلار يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈردى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كۆپچىلىكنى «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

    بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. كەنت ئاھالىسى شېرىنئاي ئابلا مۇنداق دېدى: ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ 24 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولدى، مەن ھەر بىر تۈرلۈك سىياسەتتىن دېگۈدەك بەھرىمان بولالايدىكەنمەن. مەن ئۆز يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن، مەن ئىككى قولۇمغا تايىنىپ بېيىش يولىغا قەدەم بېسىپ، يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

    ــ توغرا، بىز كەڭ ياشلارنى ئۆگىنىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، – دېدى يېڭسار بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئادىل ئابلەت. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ تولۇپ تاشقانىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى يۈز تۇرانە تەشۋىقات 5 – ئايدىن ئىلگىرى 65 كەنت، 11 مەھەللە ۋە ھەرقايسى مەكتەپ، كارخانىلارنى قاپلايدىغان بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ ھەممىسى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن، ئۇلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىقات مەزمۇنىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن -نىزاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ۋەزىيەتكە، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى»، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنى، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ ئىپادىسى ۋە زىيىنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەمەلىي تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىكەن.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى