بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىز چاغان مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈردى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ياخشىمۇسىلەر، كۆپچىلىكنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق. بىز ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، بۈگۈن بىز ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش ئەھۋاللىرى ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ زىياپەتكە قاتنىشىش ئەھۋاللىرى بارمۇ – يوق مۇشۇلارنى تەكشۈرگىلى كەلدۇق، ئارامگاھ مەسئۇلى يېقىنقى تاماق تالونى بىلەن تەمىنلەپ بەرسىڭىز، يەنە كۆپچىلىكنىڭ بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز…» بۇ 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بىر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈۋاتقاندىكى مەنزىرە.

    چاغان ھارپىسىدا، ئوبلاستلىق پارتكوم «2018 – يىللىق يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق» تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، «تۆت كەيپىيات»نى سۈپۈرۈپ تاشلاشتىكى كونكرېت تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن پاك – دىيانەتلىكنى ھۆرمەتلەپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، پاك، تەلەپچان بولۇشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدا، «بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات بۇيۇمى، پۇل، زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش ۋە بېرىش»تىن تەركىب تاپقان «يەتتىنى قاتتىق مەنئىي قىلىش»نى ئېنىق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چاغان مەزگىلىدە، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، چاغان مەزگىلىدە ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇقتۇرۇش چىقارماسلىق، يول لىنىيەسىنى بېكىتمەسلىك، ئالدىن خەۋەر قىلماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىستېمال قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىدىكى يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈردى.

    چاغاندىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈننى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىدىن 20 كىشىنى ئاجرىتىپ، بەش ناھىيە، شەھەردىكى خادىملاردىن تەركىب تاپقان گىرەلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئالتە ناھىيە، شەھەر، بىر ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، 12 يېزا – بازار، ناھىيە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق 16تارماق ۋە ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 13 تارماقنى نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

    ھازىرغا قەدەر، ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 277 قېتىم نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆڭۈل ئېچىش – ئىستراھەت سورۇنلىرى، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، سودا ساراي (تاللا بازارلىرى) ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن 216 (قېتىم)نى، ئاپتوموبىلدىن 5919 (قېتىم)نى تەكشۈردى؛ 14 مىڭ 468 پارچە تالوننى ئەكەلدۈرۈپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن 45 پارچە تالوننىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گۇمانلىق، ساختا مەسىلىلەردىن 16 يىپ ئۇچىنى بايقىدى؛ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ بەلگىلىمە ۋە تۈزۈمگە خىلاپ مەسىلىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، يىپ ئۇچىدىن 47 نى بايقىدى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى