بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • 200 نەپەر يەكەنلىك ئوقۇغۇچى نەشپۈت شەھىرىدە خۇشال ھالدا چاغان ئۆتكۈزدى

    مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 200 نەپەر يەكەنلىك ئوقۇغۇچى چاغاننى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، خۇشال -خۇرام ھالدا بايرامنى تەبرىكلىدى، چاغان ھارپىسىدا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى بىرلىكتە كۆردى… كورلا شەھەرلىك 3 -ئوتتۇرا مەكتەپ يەكەن سىنىپىدىكى 13ياشلىق ئوقۇغۇچى گۈلمىرە تۇرسۇننىياز بايرام شادلىقىغا تولغان بۇنداق كۆرۈنۈشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندى، بۇ ئۇنىڭ كورلىدا تۇنجى قېتىم چاغان ئۆتكۈزۈشى ئىدى.

    گۈلمىرە تۇرسۇننىياز قاتارلىق يەكەندىن كەلگەن 2 – تۈركۈمدىكى 100 نەپەر ئوقۇغۇچى كورلا شەھىرىدە تۇنجى قېتىم چاغان ئۆتكۈزدى.

    نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپتىكى 200نەپەر يەكەنلىك ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولماقتا. قىشلىق تەتىلىدە، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ، ئۇلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى ھەمدە ئۇلارغا شادلىققا چۆمگەن ئۆزگىچە چاغان ئۆتكۈزۈپ بەردى.

    2 -ئاينىڭ 15 -كۈنى، كورلا شەھەرلىك 3 -ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا 2 -يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالتۇنگۈل ئەمەت كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: مەكتەپ بىز يەكەنلىك ئوقۇغۇچىلارغا «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، چاغاننى تەبرىكلەش، دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش» باش تېمىسىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قاتناشتى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى رەھبەرلەرمۇ قاتناشتى. بۇنىڭدىن سىرت، كۈندىلىك خاتىرىگە يەنە يەكەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە «مەڭگۈلۈك بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «دۆلەت شېئىرىغا مۇھەببەت»، «ياخشىمۇسىز، دۆلەت ئورتاق تىلدا سۆزلەڭ» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتقانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى يېزىلغانىدى.

    ــ مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ـــ بىزنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىمىز، نومۇرلار تولىمۇ قالتىس بولدى! -دېدى، ئوقۇغۇچى مەۋلانجان مەمەتنىياز. چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، 200كىشى بىرلىكتە چاغانلىق تاماق يېگەن بولۇپ، ھەر بىر ئۈستەلگە ئالتە تەخسە گۆشلۈك قورۇما، ئىككى تەخسە گۆشسىز قورۇما تەييارلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى.

    چاغان مەزگىلىدە، مەكتەپ ئاشخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا مېزىلىك تائاملارنى تەييارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەكەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۇغقانلىرى ئۇلارغا ئالما، بانان، ئاپلېسىن، خاسىڭ، گازىر، كەمپۈت …قاتارلىقلارنى ئەكىلىپ بەردى.

    ـ-مەن بايراملىق پۇل تاپشۇرۇۋالدىم، -دېدى 13 ياشلىق قىزچاق مەريەم ئوبۇلتالىپ. تۇغقىنى ئۇنىڭغا 100يۈەن بايراملىق پۇل، قىزىل رەڭلىك شارپا سوۋغا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    نۇرگۈل مەمەتتۇراپمۇ تۇغقىنى ئەكەلگەن «مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «كۆك رەڭلىك دېڭىز دېلفېن ئارىلى» دېگەن ئىككى كىتابنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇغقىنى بولسا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك، ئىللىق ھېس قىلىدىكەن.

    بـايراملىق پـۇل، داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر، مەدەنىـيەت بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى … يەكەنلىك ئوقۇغۇچىلار تۇغقانلىرىنىڭ تۈرلۈك سوۋغاتلىرىنى تاپشـۇرۇۋالدى. ئوقۇغۇچىلارنـىڭ تـۇغقانلـىرى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سىنىپلارغا، ئاشخانا، يـاتاقلارغـا كىـرىپ، مېھـىر–مـۇھەبـبىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

2 -ئاينىڭ 22 -كۈنى چۈشتە، تولۇقسىز 1 -يىـللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇرئامىنە توختى دادىسى، ئاپىسى ۋە ئۇكىـلىرى بىلەن كۆرۈشكىنـىدە، ئۇلارغا چاغاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى زوق -شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئاتا -ئانىسىغا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرى، ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق -تۇغقانلىرى، سىرداش دوستلىرى، ياتاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭلاشقا مەكتەپتە تولىمۇ خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا ساۋاقداشلىرىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەنلىكى، نومۇر كۆرسەتكەنلىكىنى، گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

    ـ-قىزىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى بەش ئاي بولۇپتىكەن، قىزىمنىڭ بويى خېلىلا ئۆسۈپ قاپتۇ، سەمرىپ قاپتۇ، شوخ بولۇپ كېتىپتۇ! -دېدى، نۇرئامىنەنىڭ دادىسى، ئۇلار بۇ قېتىم يەكەن ناھىيەسىدىن قىزىنى كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، قىزىنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقى، دۆلەت ئورتاق تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، تولىمۇ خاتىرجەم بولدى.

    كورلا شەھەرلىك 3 -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى فېڭ جى مۇنداق دېدى: يەكەن سىنىپىدىكى 200 نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە چاغان ئۆتكۈزدى، گەرچە ئاتا -ئانىسى ھەمراھ بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىللىقلىققا تولغان ئەھمىيەتلىك چاغان ئۆتكۈزدى.

    بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمىمىز ـــ چاغاننى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى