بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلدۇرۇش ــ ئوبلاستىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر يولغا قويدى

سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلدۇرۇش

ــ ئوبلاستىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇر يولغا قويدى

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ــ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈپ تۇتقا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە داۋاملىق كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

    2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوبلاستىمىزنىڭ شەھەر – بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 39 مىڭ 393 كە يەتكەن.    

    نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش

    لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزسى شياڭياڭ كەنتى ئاھالىسى زىلەيخان رېھىم ئۆيىگە يېقىن جايدىكى بايىنغولىن ئوبلاستى تىيەنشېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، تېز ئىشقا ئورۇنلىشىش، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش زىلەيخاننى ئىشلەش ۋە ئائىلىسىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    زىلەيخان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن ئۆيدە بىكار ئىدىم، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەيىم يوق، ئائىلىمىز كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى. ھازىر بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەپ، ھەر ئايدا مائاش ئالالايدىغان بولدۇم.

    زىلەيخاننىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى دەل بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەتنى ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق مېڭىۋاتقان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلغان، كۆپ خىل نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلى ئورتاق قوللىنىلغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولىدىن ئىبارەت.

    بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چىن جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى ئەمگەك يېشى ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا تۈرلەرگە بۆلۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «5311 قۇرۇلۇشى» (يەنى: %50 كىشىنى كارخانىغا ۋە ھەر خىل يېزا ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ %30 ىنى ئائىلە ئىشلەپچىقىرىشى ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆزى ئىش تېپىش ياكى ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ %10 ىنى ھۆكۈمەت ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرغان نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ %10 ىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش) نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

    نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

    چاغان ھارپىسىدا، باغراش ناھىيەسى ئۇلانزېكسىن يېزىسى شىزىمخۇر كەنتىدىكى نامرات ئائىلە سۈي شىچاۋ خىمىيەۋى ئوغۇت ئېلىپ، ھۆكۈمەت ھەقسىز تارقاتقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنى مىنگىنىچە ئۆيىگە ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى بەرگەندىن كېيىن، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەش قولايلاشتى، ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشمۇ قولايلاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن كەلگەن.

    بۇلتۇر 10 – ئايدىن باشلاپ، بايىنغولىن ئوبلاستىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۆزگىچە يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشتىكى ئالاھىدە ئىش ئورۇنلىرىدىن 1000 نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن 5 مىليون يۈەن تەييارلاپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىدىن 1000 نى تارقىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

    مۇقىم مەبلەغ سېلىش تۈرى ئۆيگە يېقىن جايدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى پائال قېزىپ چىقىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ناھىيە، شەھەرلەردىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى سەمەت ئەركىن بۇلتۇر كورلا – پۇخۇي تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ (1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى) قارايۇلغۇن بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىگەن. سەمەتنىڭ ئاران 10 مو نەشپۈتلۈك بېغى بار بولۇپ، بىكار ۋاقتى خېلىلا كۆپ ئىدى، ئىلگىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە قىلىدىغان ئىشىمۇ يوق ئىدى، بىكارچىلىقىدىن ئۆيىدىكىلىرى قاقشاپلا قالماي، ئۆزىمۇ بىكار قالغانسېرى شۇنچە ھورۇنلىشىپ كەتكەنىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدىلا ئىشلەپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ،  دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەشنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئويىنى ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قوللايدۇ.

    سەمەت ئەركىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىش بولسا يەنە قىلىمەن. يول بويىغا تاش ياتقۇزساق، ھەر مېتىرىغا ئالتە يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىدۇ، مەن بىر ئايدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم. شۇلارنى دەۋېتىپ، سەمەتنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

    بۇنىڭدىن كېيىن، ئوبلاستىمىز ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، كارخانىلارنى يادرو قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇۋاپىق ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتىنى تەدرىجىي ھەل قىلىدۇ؛ كەسپىي مائارىپنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، كەسپىي مائارىپتا تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىدۇ؛  بازار ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا يېقىنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېھتىياج بويىچە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق، زامانىۋى مال ئوبوروتى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ماشىنا رېمونت قىلىش، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مائارىپ، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق كەسپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

    «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى»نىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى

    «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، ئائىلىلەردىكى باش ئاغرىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىن نۇقتىسى. ئوبلاستىمىز يېزا ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان «باھار يامغۇرى ھەرىكىتى»نى يولغا قويغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 4000 دىن ئارتۇق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئارقا – ئارقىدىن تۈرلۈك كارخانا ۋە يېزا ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوبلاستىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، بارلىق كىشىلەرنى تولۇق قاپلاش، كەسپتە تولۇق قاپلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تولۇق قاپلاش تەلىپى بويىچە، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

    قاراشەھەر ناھىيەسى شىكشىن بازىرىدىكى مەريەم مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغاندا مەن ئۆيگە قايتمايمەن، داۋاملىق زاۋۇتتا ئىشلەيمەن. ئىلگىرى ئۇ ئىزچىل ئۆيىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغان بولۇپ، كىرىمى تۆۋەن ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز تەربىيەلىشى ئارقىلىق، ئۇ ياخشى بىر خىزمەت تاپتى، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، ئۆزىمۇ يېزىدىن يېنىپ چىقتى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوبلاستىمىز «مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقى» ئەندىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 50 نەچچە كارخانا بىلەن ئادەم ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك، ماھارەت تىپىدىكى ئىش ئورۇنلىرى ئالدى بىلەن «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى» ئىچىدىكى مەخسۇس تېخنىكىدا تەربىيەلەنگەنلەردىن ئىشچى قوبۇل قىلدى. يېزىلاردىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىلىرىنىڭ بالا باققۇچى خادىملىرى ئىش ئورنىغا «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى»نى  قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىدى. جياڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىلىرىغا خىزمەتچى يەتكۈزۈش يولىنى ئېچىپ «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى»نىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

    2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كورلا خەلپىئېرىقى بازىرىدا ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئوبلاستىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى «ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى» ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بويىچە، كەپشەرلەش، تام قوپۇرۇش، زىننەتلەش، قېزىش ماشىنىسى ھەيدەش قاتارلىق ماھارەت تەربىيەلەش كۇرسىدىن 450 قېتىمدىن ئارتۇق ئېلىپ بېرىپ، «باھار يامغۇرى ھەرىكىتى» مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى 22 قېتىم تەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى 20مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

    كورلا شەھىرى ئىتتىپاق جەنۇبىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق مەۋلانجان مەمەت مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمەت يوق ئىزچىل ئاتا – ئانامغا ياردەملىشىپ يەر تېرىشىپ، تۇرمۇشۇم قىيىنچىلىقتا ئۆتتى. ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئايلىق ئىش ھەققى 3000 يۈەنلىك خىزمەت تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن چوقۇم ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاتا – ئانامنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.

    مەۋلانجاننىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: بالامنىڭ خىزمىتى يوق، ئىزچىل ئۆيدە بولغانلىقى ئۈچۈن بىز كۆپ غەم قىلغان ئىدۇق، ھەقسىز تەربىيەلەش ئارقىلىق، بالا بىلىم ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە، ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگەندى، ياخشى خىزمەتمۇ تاپتى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، بالاممۇ چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى