بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • باغراش ناھىيەسىدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى

باغراش ناھىيەسىدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى

    2-ئاينىڭ  20-كۈنى باغراش ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن  بۇمبۇت بازىرى لوشغونۇر كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان كەنت ئاھالىسى دەن خەييەن ئائىلىسىنىڭ كۆكتات پارنىكىغا بېرىپ، ئۇنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈشىگە ياردەملەشتى.

    ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلى بولۇپ، باغراش ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئارقا–ئارقىدىن دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ پارنىكلىرى، ھويلا -ئاراملىرىغا بېرىپ، دېھقان -چارۋىچىلارغا مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

ئىختىـيارىي مۇخبـىرىمىز نيەن لېي فوتوسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى