بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چۈنلىن ئاساسىي قاتلامدىكى نامرات ئاممىدىن ھال سورىدى

    تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ياڭ يەنسەي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شېڭتاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چاغاننىڭ 4 – كۈنى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چۈنلىن ماشىنا بىلەن قاراشەھەر ناھىيەسى شىكشىن بازىرى شىكشىن كەنتىگە كېلىپ، ھەر مىللەت نامرات ئاممىدىن ھال سورىدى.

    «چاغاندا ئەلۋەتتە كۆرۈشمىگۈچە كەتمەيمىز!» جيا چۈنلىن ئېلىپ كەلگەن قىممىتى 300 يۈەن قىممىتىدىكى «كۆرۈشمىگۈچە كەتمەيمىز»ماركىلىق يېڭى رادىيونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى زورىگۈل ياقۇپنىڭ خۇشاللىقى ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇلغاندەك بولدى. رادىيو شەھەر كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاللىقاچان زاماندىن قالدى، ئەمما يىراق يېزىدىكى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشتىكى مۇھىم يول.

    زورىگۈل مۇنداق دېدى: جيا ئاكا، دائىم كېلىپ بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرسىڭىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ روھى ئۇرغۇپ، باشقىچە بولۇپ كېتىدىكەنمىز. رادىيو بولسا بىز دائىم خەۋەر ئاڭلىيالايدىكەنمىز، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپلا قالماي، بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشتىكى يولىمىزنى كېڭەيتەلەيدىكەنمىز، يەنە بالىلىرىمىز دۆلەت ئورتاق تىلىنى، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، كەنت سىرتىدىكى دۇنيانى تولۇق چۈشىنەلەيدىكەن.

    پاراڭلىشىش جەريانىدا، زورىگۈل يەنە مۇنداق بىر ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى:

ــ بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ تۇرۇۋاتقىنىمىز ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، بۇ يىل ئوغلۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەسلىدىكى كېسەك ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا خىش ئۆي سالىمىز.

    ــ بۇ ياخشى ئىش ئىكەن، مەن 40 مىڭ خىش، ئىككى توننا سېمونت ياردەم قىلاي، – دېدى جيا چۈنلىن.

    جيا چۈنلىن يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ماي ۋە مېۋە – چېۋە قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، فەن ۋېنيۈەننىڭ ئۆيىگە باردى.

    فەن ۋېنيۈەننىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى فەن خۇڭيەن مۇنداق دېدى: مەن تاغامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم، مەكتەپتە تېجەپ ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ئۆگەندىم! فەن ۋېنيۈەن بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تېنى ئاجىز ۋە كېسەلچان بولغاچقا يىل بويى دورا يەپ، ئائىلە تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغانىدى. بۇلتۇر 8 – ئايدا، فەن خۇڭيەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى. جيا چۈنلىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئالايىتەن 3000 يۈەن پۇل ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. جيا چۈنلىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆيدىكىلەرنىڭ بالىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ ھامان فەن خۇڭيەننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىچە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    جيا چۈنلىن مۇنداق دېدى: بىر رادىيو بىر ئائىلىنىڭ بايرام شادلىقىغا شادلىق قوشتى. رادىيو سوۋغا قىلغانلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، مەنىۋى ئوزۇقنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچنى سوۋغا قىلغانلىق؛ ئاممىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا سىرتقى دۇنيانى كۆرىدىغان «دېرىزە»نى ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇرغانلىق.

    جيا چۈنلىن يەنە مۇنداق دېدى: بايرام كۈنلىرىدە پەقەت ئۆلچەم بويىچە بىر خالتا ئۇن ياكى ئازراق ھال سوراش پۇلى بېرىپ قويغان بىلەنلا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشنى ۋاقتىنچە ياخشىلىغىلى بولغان بىلەن، بۇ ئامما ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق، ئامما ئەڭ كۈتكەن نەرسىلەر ئەمەس، نامرات ئاممىنىڭ ئەھۋالى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار بار ئائىلىلەر دورا سېتىۋېلىشقا، داۋالىنىشقا، داۋالىنىش يۈكىنىڭ يېنىكلىشىگە ئېھتىياجلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بار ئامما بولسا بېيىش ئۇچۇرلىرىغا، تېخنىكىغا، تۈرلەرگە ئېھتىياجلىق. بىز چوقۇم ھال سوراش پائالىيىتىنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئەلرايىنى كۆزىتىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.  ھال سوراش جەريانىدا «ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كىرىشىش»نى ۋە «ھەقىقىي قەلبىمىز بىلەن كىرىشىش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «ئىلھام بېرىش» ئارقىلىق ئاممىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، «سوراش» ئارقىلىق قىيىنچىلىقلىرىنى بىلىپ، ھال سوراش ئارقىلىق تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مەقسىتىگە يەتسەكلا، ئاندىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ھەر بىر نامرات ئاممىنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزەلەيمىز، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيمىز.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى