بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

روھنى ئۇرغۇتۇپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئىشلەش كېرەك

    ئۆز مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوبلاستلىق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار سۆز ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ روھـىنى ئۆگـەندى، ھەمدە2  – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئاساسىي خىزمەتنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇردى، ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن دىققىتىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    لى گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە قەتئىي بولۇپ،  باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى ئاساسنى ھەقىقىي پۇختىلىشىمىز كېرەك. سىياسىي مەيدانىمىزنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئورۇنداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىمىزنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپمۇ، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ كونكرېت تەلىپىگە بىنائەن، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، يېـڭى سـەۋىيەگە يېتىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتا سىجىل كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭىنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشان تەلىپى بويىچە بېكىتىلگەن تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى داۋاملىق ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش پىكىر يولى ۋە تەدبىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ياخشى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆستۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باشلامچى رايونلىرىدىن بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، 14 كۆك نامرات يېزا – بازار، 16 كۆك نامرات كەنتنى نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زور سىياسىي ۋەزىپىنى بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىدا ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىشنى زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماھىرلىق بىلەن كەسپىي تەپەككۇر قىلىپ، كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ئۇسۇلنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆز ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە يېقىندا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئىستىل»، «تۆت كەيپىيات» ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەس – بەستە كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى