بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە مەخسۇس كۈرەشنى قانات يايدۇردى

ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە مەخسۇس كۈرەشنى قانات يايدۇردى

    ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جۇ شياڭمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 -ئاينىڭ 4 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوبلاستىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە سىنلىق يىغىن ئاچتى. ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ  شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ لۇجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلبە قازىنىش روھى ۋە كۈچلۈك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى قەتئىي، پۇختا تازىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازىنى پۈتۈن ساھە بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىپ ئۇچى مەنبەسىنى كېڭەيتىشى لازىم، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن چىقارغان «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا بېكىتىلگەن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئون خىل جىنايىتىگە ۋە ئوبلاستلىق مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسى بېكىتكەن دىنىي ئەسەبىيلىك شايكىلىرى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سۇيىقەستچىلەر، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»، «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارلىق  مۇشتۇمزورلۇققا ۋە رەزىللىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان 13خىل جىنايەتكە قارىتا، توردا تەكشۈرۈش، دومىلاتما رەتكە تۇرغۇزۇشنى قەتئىي ئورۇنداپ، دېلونى چۈشۈرۈپ قويماسلىق،  يىپ ئۇچىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ج خ ئورگانلىرى مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرى ئىچىدە بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قېزىپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامراش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىش لازىم. جەمئىيەت ئامانلىقى بىلەن ئۇنۋېرسال تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مۇشتۇمزورلارغا چېتىشلىق بولغان نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتىش لازىم. ئاممىۋى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئاممىغا تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق بولغان دېلو يىپ ئۇچىنى يىغىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ۋە تۈجۈپىلەپ رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» بويىچە مەخسۇس كۈرىشىنىڭ كۈچلۈك داغدۇغىسى ۋە كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئىچكى قىسىمدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ج خ ئورگانلىرىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى بىردەك چوڭقۇر قېزىش، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى يوقىتىش»، «چىۋىن يوقىتىش» نى ھەقىقىي تۈردە ئورۇنداپ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇپ، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى كەڭ ئاممىنىڭ مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىلىككە چېتىشلىق بولغان جىنايەت يىپ ئۇچىنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. پاش قىلىنغان  مەزمۇننىڭ مەخپىيەتلىكى  قاتتىق ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا پاش قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى، خەت ساندۇقى، پوچتا ساندۇقى ئېلان قىلىندى.

بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە پاش قىلىش ئۇسۇلى:

پاش قىلىش تېلېفونى:2063051، 5896058 ـ 0996  

    پاش قىلىش خەت ساندۇقى: شىنجاڭ كورلا شەھىرى يېڭشەر يولى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

پوچتا نومۇرى: 841000  

ئۈندىداردا پاش قىلىش نومۇرى: 15001575648

پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى:com .qq@496964067

APP بەيشىن سوۋ دېتالى ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى