بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

    

    قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ، تولۇق ھازىرلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جۇڭۋاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى. شۇ كۈنى كەچتىلا، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بيەن شوشىڭنىڭ  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەمدە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يىغىن روھىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى، تۈزۈشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئوبلاستىمىزنىڭ 2017 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، يەكۈنلەپ، خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشى؛ ئوبلاستىمىزنىڭ 2018 – يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت پىكىر يولىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ج ك پ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئوبلاستىمىزدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىشى كېرەك.

    2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. بيەن شوشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، غايە – ئېتىقادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادتا ئۆزگەرمەسلىككە، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەسلىككە، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى مۇستەھكەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ دىققەتنى باشتىن – ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ مەسىلىسىنى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ، بىر – بىرلەپ قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتىكى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈزەش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي كۈچەيتىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەمدە تەپسىلىي قائىدىنى يولغا قويۇشنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم؛

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ ئاساسىي سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى 1 – جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن تۇتۇپ ۋە باشقۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تەلتۆكۈس، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ ئالدىنقى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى بولۇپمۇ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشى، قاتتىق تەكشۈرۈشى؛  دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى ئوڭۇشلۇق جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى؛ مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەيۋە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چارلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ نامايان قىلىشى؛ ساقلانغانلىرىنى ئازايتىپ، كۆپىيىشىنى توسۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈشتەك  ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى؛ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ سەمىمىي، پاك – دىيانەتلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالايدىغان «ئىنتىزام قوشۇنى» قۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ، تولۇق تەييارلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى