Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
يېزىدا ئېچىلغان ئاشپەزلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • يېزىدا ئېچىلغان ئاشپەزلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 02- 06 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,449 قېىتىم

يېزىدا ئېچىلغان ئاشپەزلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

    2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بۈگۈر ناھىيەسى سوخۇ يېزىسى كۆكچول كەنتىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزىدە، بۈگۈر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سوخۇ يېزىلىق ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى پونكىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق جىنكې كەسپىي – تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، كۆكچول كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە ئاشپەزلىك تېخنىكىسى جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

    بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ۋاقتى 10 كۈن بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. ئوقۇتقۇچى ئاشپەزلىككە كىرىش ئاساسى، يېمەكلىك پەرقلەندۈرۈش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، قورۇمىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاش ۋە توغراش، قورۇما قورۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن چۈشەنچە بېرىپ، ئاساسلىق توغراش، قورۇش ئۇسۇلىنى نەق مەيداندا كۆرسەتتى. ئالدىن كېلىپ ئاڭلىغان 50 تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى دەرسكە زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرە قالدۇردى، بەزىلىرى يەنە تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن يان تېلېفون ئارقىلىق قىسقا فىلىم ئالدى. دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۆت نەپەر كەنت ئاھالىسى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىردىن قورۇما قورۇدى ۋە باھالاش ئېلىپ باردى. ئارىلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى قورۇما قۇرۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانى قويۇق ئۆگىنىش پۇرىقىغا تولدى.   سۈرەتتە: كۇرس نەق مەيدانى.

مۇخبىرىمىز لى كې خەۋىرى،  ياڭ كۇن فوتوسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى