بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرى قىزىشقا باشلىدى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلىنىڭ «بېيىش يولى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى بايىنغولىندا

ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرى قىزىشقا باشلىدى

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلىنىڭ «بېيىش يولى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى بايىنغولىندا

    1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرىدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلى «بېيىش يولى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى «مولچىلىققا تولغان چاغانلىق ماللار» يۈرۈشلۈك مەخسۇس خەۋىرىنى سۈرەتكە ئالماقتا.    مۇخبىرىمىز  ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرىدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى جاۋ شىياۋفېي (سولدىكى كىشى) باغراش كۆلى ياۋا بېلىقىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. مۇخبىرىمىز  ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورلا يېڭىشەھەر مەيدانىدىكى جيامەنفۇ تاللا بازىرىدا داقا – دۇمباق سادالىرى ياڭراپ، بازار ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، ئوبلاستىمىزنىڭ 2018 – يىللىق چاغانلىق بازىرى باشلاندى. شۇ كۈنى قايناق بازار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئالدىن مال سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئوبلاستىمىزغا «مولچىلىققا تولغان چاغانلىق ماللار» يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىسىدىكى خەۋەرنى سۈرەتكە ئېلىشقا كەلگەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلى «بېيىش يولى» پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

    مۇخبىر ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرىدا، ھەرخىل ماللارنىڭ كۆزنى چاقناتقۇدەك كۆپلۈكىنى، كورلا نەشپۈتى، ماي نانلاردىن باشقا يەنە، بايىنبۇلاق يايلىقىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قوي گۆشى، قوتاز گۆشى، شۇنداقلا، باغراش كۆلىنىڭ ياۋا بېلىقلىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆردى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى جاۋ شياۋفېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاغانلىق بازىرى بىزنى شىنجاڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ چوڭ سەھنىسىگە ئېلىپ كىردى. بايىنغولىن ئوبلاستى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك تۈرلىرى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ تەمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەن. بۈگۈن بىز بازاردا قارا باش قوي گۆشى، ساڭزا، نان، تەملىك سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆردۇق، بۇلار ئاساسەن دېگۈدەك جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بارلىق يېمەك – ئىچمەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ سەپەرگە بىھۇدە چىقمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇردى.

    بايىنغولىن ئوبلاستلىق كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ مېيسېن مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلى كورلا نەشپۈتى سېتىلىدىغان ئالتۇن ۋاقىت. بايىنغولىنلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، نەشپۈت چاغاندا مېھمان كۈتۈشتىكى زۆرۈر مەھسۇلات. نەشپۈت شېرىنلىككە، جەم بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئۆزگىچە تەمى ۋە گۈزەل سىمۋوللۇق مەنىسى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى چاغانلىق بازارغا سېلىنغان نەشپۈتلەرنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل تاللانغان ئېسىل نەشپۈتلەر بولۇپ، ئىستېمالچىلار چوقۇم ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.

    كورلا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزنىڭ چاغانلىق بازىرىنى كۆرۈپ، چاغان كەلگەن ھېسسىياتقا كەلدىم. چاغانلىق بازاردىكى ماللارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، كۆپچىلىككە چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى تىنچ، خاتىرجەملىكنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

    ئىگىلىنىشىچە،  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلى «بېيىش يولى» پىروگرامما گۇرۇپپىسى نەشپۈت شەھىرىدە چاغانلىق ماللار ئاساسىي تېما قىلىنغان خەۋەرنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە خېجىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، قۇرۇت، قارا باش قوي گۆشىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى سۈرەتكە ئالىدىكەن شۇنداقلا، باغراش ناھىيەسىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالىدىكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە – ئىقتىساد قانىلى بۇ قېتىم ئوبلاستىمىزدا سۈرەتكە ئېلىنغان مەزمۇنلارنى 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى كۆرسىتىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى