بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي تۈزەپ، ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلايلى

ئوبلاستىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى

مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي تۈزەپ، ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلايلى

1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، باغراش ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدىكى بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى خادىملىرى ئىككىلەمچى چۆكتۈرۈش كۆلچىكىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.           ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نيەن لېي فوتوسى

    

    مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نيەن لېي، ما گوچىڭ، نارىلتۇ، لۇ جۈنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۇل – ئەسلىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنسىز ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى تىندۇرۇش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شاللاش… مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 ـ گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى شىنجاڭغا قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    باغراش ناھىيەسى باغچىلاشقان سانائەت رايونىدىكى بۇلغانغان سۇلارنى ئومۇميۈزلۈك زىيانسىزلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ باغراش باغچىلاشقان سانائەت رايونىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىردىكى «بەزى باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولمىغان» لىقىغا ئائىت مەسىلىلەرگە قارىتا، باغراش ناھىيەسى ئۆزگىچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۈرىگە  29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، باغراش ناھىيەسى بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش 2 – زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى 2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تاماملانغان، كۈندىلىك بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 7 – 8 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى «شەھەر – بازارلاردىكى بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى» (2002 ــ GB18918) 1 – دەرىجىلىك B گە يەتكەن، ھەمدە 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

    باغراش باغچىلاشقان سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ تيەنشەن مۇنداق دېدى:

    ـ- بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن باغچىلاشقان سانائەت رايونىنىڭ ھازىرقى مۇھىت ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ، مۇھىت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىت خەۋپ – خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش، باغچىلاشقان سانائەت رايونى ۋە كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، باغچە رايونىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە باغچىلاشقان سانائەت رايونىدىكى كارخانىلار قىش پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش باسقۇچىغا كىردى، قويۇپ بېرىلىۋاتقان بۇلغانغان سۇلارمۇ يوق، بۇ تۈر 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ بېشىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

    ئۇندىن باشقا، يېقىنقى يىللادىن بۇيان باغراش ناھىيەسى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى تەستىقلاشنى چىڭىتىپ، پولات – تۆمۈر، سېمونت، ئېلېكترولىزلىق ئاليۇمىن، تاختا ئەينەك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر دەرىجىدە ئىھتىياجدىن ئارتۇق ساھەلەرنىڭ باغراش ناھىيەسىگە ئورۇنلىشىشىنى قاتتىق مەنئى قىلدى، كۆپ كرىستاللىق كرېمنىي پولىۋىنىل خلورىد قاتارلىق كەسىپلەردە يېڭى تۈرلەرنى كۆپەيتىشنى قاتتىق كونترول قىلدى. ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھازىرغا قەدەر، باغراش ناھىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قالاق بولغان كارخانىلارنى قۇرۇشنى تەستىقلىمىدى، ناھىيەلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، سودا ئىقتىساد كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى كارخانىلارنى داۋاملىق توسۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ باغراش ناھىيەسىگە كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلدى.

    قاراشەھەر ناھىيەسىدە 49 قانۇنسىز قۇدۇق تىندۈرۈۋېتىلدى.

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان «بايىنغولىن ئوبلاستىدا جەمئىي 2258 قانۇنسىز ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلغان، بۇ پۈتۈن ئوبلاستتىكى ماشىنىلاشقان قۇدۇق سانىنىڭ %10 نى ئىگىلەيدۇ» دېگەن مەسىلىگە ئاساسەن، مەسىلىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، قاراشەھەر ناھىيەسىدە جەمئىي 49 قانۇنسىز ماشىنىلاشقان قۇدۇق بايقالدى، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، 2016 – يىلى 11 قۇدۇق،  2017 – يىلى 38 قۇدۇق تىندۈرۈۋېتىلدى، ھەربىر ماشىنىلاشقان قۇدۇق 100 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تېجەيدۇ دەپ ھېسابلىساق، 49 ماشىنىلاشقان قۇدۇقتىن 4 مىليون 900 مىڭ كۇب مېتىر يەر ئاستى سۈيىنى تېجىگىلى بولىدۇ.

    قاراشەھەر ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسى سۇ ئىشلىرى مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى:

    ـ- قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇدۇق ۋە توكنى قوش كونترول قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىدارىمىز ھازىر ناھىيەدىكى ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، 2017 ــ 2018 – يىللىق قىش پەسلىدە 235 قۇدۇقنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدۇق. بۇ قېتىمقى يېڭىلانغان ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ سۇ سائىتىگە سۇ ۋە توكنى قوش كونترول قىلىشنى يولغا قويىمىز، بۇ ئارقىلىق سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشنى ياخشى نازارەت قىلىپ، سۇ بايلىقىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىدىغان كارخانا ۋە دېھقانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

    خېجىڭ ناھىيەسىدە قالاق ئىشلەپچىقىرىش بىكار قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    يېقىندا، شىنجاڭ جىنتې پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتىدە قالاق ئىشلەپچىقىرىشنى بىكار قىلىش خىزمىتى باشلاندى، بۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىشنى بىكار قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىدە يېڭى ۋە تېخىمۇ پۇختا قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، كارخانىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، كاپىتال قۇرۇلمىسى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەت 2 -، 3 – نومۇرلۇق دومنا پېچى ۋە 2×60 كۋادرات مېتىرلىق كۆيدۈرۈپ بىرىكتۈرۈش ماشىنىسىنى شاللاپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا قالاق ئىشلەپچىقىرىشنى بىكار قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەھسۇلات ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويدى.

    شىنجاڭ جىنتې پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن بىڭبىڭ مۇنداق دېدى:

    ـ- يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز جەمئىي 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ زور كۆلەملىك تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە ئېنىرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشتىكى باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى، ئىس – تۈتەكنى گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، گاز باكى قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش تۈرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، شىركەتنىڭ چاڭ – توزان، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ قاتارلىق بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. بۇ قېتىم شاللىۋىتىلگەن قالاق ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە، پەقەت 2 – نومۇرلۇق دومنا پېچدىنلا ھەر يىلى 320 مىڭ توننا كېرەكسىز ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇندىن كېيىن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى كارخانا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    خوشۇت ناھىيەسى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىدىكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش – تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. خوشـۇت ناھىـيەسى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىدىكى بۇسلارنى تۈزەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىت ئاسراش – نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى قۇردى، خوشۇت ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىدە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش – تەستىقلاشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقىغان مەسـىلىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تـۈزەش تـەدبىرلىرىنى تۈرمۇ – تۈر، ماددىمۇ – ماددا رەتكە تۇرغۇزۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆزگەرتىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

مۇھىت تەسىرىنى باھالاش – تەستىقلاشنى قاتتىق ئىجرا قىلىش جەھەتتە، يېمەك – ئىچمەك كەسپى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئالدىن تۇتۇش قىلىپ، ئورۇن تاللاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن تۈرلەرگە قارىتا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئورۇنسىز زىيان تارتىشىدىن ساقلاندى؛ ئورۇن تاللاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرگە قارىتا، بۇس تازىلاش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش جەھەتـتە تېخنـىكىلىق يېـتەكلەش بىـلەن تەمىـنلەپ، يېمەك – ئىـچمەك كەسپىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى  قاتتىق باھالاش – تەسـتىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق قانـۇنلۇق تىـجارەت قىلىشىنى ئىـشقا ئاشۇردى.

    بۇلغىما مەنبەسىنى كونترول قىلىش جەھەتتە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش – تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلغان يېمەك – ئىچمەك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرگە قارىتا، تىجارەت كۆلىمىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، مۇداپىئە ئارىلىقى، بۇس تازىلاش ئۈسكىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتتى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە ئاممىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېڭىدىن ئېچىلغان دۇكانلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، يېمەك – ئىچمەك كەسپىدىكى بۇس، شاۋقۇنلارنىڭ پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاھالىلەرگە گۈزەل، پاكىزە بولغان تۇرالغۇ مۇھىتى بەرپا قىلدى.

    چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر كۆلى بازىرىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەشتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.

    چاقىلىق ناھىيەسى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان بەش خىل، توققۇز تۈرلۈك مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش ۋەزىپىسىگە قارىتا، تۈزەش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى تېزلەتتى.

قايتما ئىنكاس قىلىنغان «ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى پېچەتلەش، تىندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جايىدا بولماسلىق» مەسىلىلىرىگە قارىتا، بۇ ناھىيە ھازىر، دۆلەت مەبلەغ سالغان شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ  ماشىـنىلاشقان 20 قۇدۇقنىڭ تاقاش – توختىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ، يەر ئاستى سۈيىنى مىرەن دەرياسى سۈيىگە ئۆزگەرتتى.

«بىر قىسىم سانائەت رايونلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق» مەسىلىلىرىگە قارىتا، بۇ ناھىيەدىكى لوپنۇر كۆلى بازىرى دۆلەت مەبلەغ سالغان شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەيدانىنىڭ ھەر بىرسىدىن بىرنى قۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھازىر مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى