بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت، پىلان، مالىيە خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقتى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەرىكىتىگە قاراش كېرەك

ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت، پىلان، مالىيە خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقتى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەرىكىتىگە قاراش كېرەك

    مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىم ئابلا خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى (لايىھە) دوكلاتى، ئوبلاستىمىزنىڭ 2017 – يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2018 – يىللىق مالىيە خامچوت (لايىھە)دوكلاتى، «كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلگەن لايىھە)» غا قاراپ چىقتى.

    ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ، دەپ قاراشتى.

    خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتقا قاراپ چىققاندا، پىلان، مالىيە دوكلاتىنى ئەمەلىيەتچىل ، تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتقان، ئىسلاھاتقا كۈچ سەرپ قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە باب كېلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈتكىنىدەك دوكلات بوپتۇ، دەپ قاراشتى.

    1 -ئاينىڭ 14 – كۈنى ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ خۇشۇت ناھىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۆرسەتمە قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات 2018 – يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئالتە چوڭ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تـەدبىـرى ۋە ئـاپتـونوم رايونلۇق

    پارتكومنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، تەرەققىيات نىشانى ئېنىق، خىزمەت تەدبىرلىرى كونكرېت. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى  ۋە يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان خادىملار بۇ قېتىمقى يىغىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشى، كەڭ تەشۋىق قىلىشى، يىغىن روھىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش، خەلق تۇرمۇشى پىلانى – خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتلەردىكى تۈرلۈك ئەمەلىي خىزمەتلەردە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى  بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇپ، «بىر ياخشى مۇھىت» نى يارىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئاساسىدا، ئوبلاستىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى پائال، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىشى كېرەك.

    ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ  ئوبلاستىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، ئوبلاستمىزدىكى يۇقىرىدىن -تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. 2018 – يىلدىكى خىزمەتلەردە، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، كونكرېت ھەرىكەت خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەت، ئۈنۈم، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسەت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن خىزمەت تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئاساسىي سىياسىتىگە ماسلىشىشىمىز كېرەك.  يول قاتنىشى ۋە ساياھەت كەسپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. يول قاتنىشىنى پىلانلاش شەكىللەنگەن ھامان، يول تورى زىچلىقى ئاشىدۇ، دەرىجىسى ئۆسىدۇ، قاتناش كاپالەت ئىقتىدارى ئۆسىدۇ، ساياھەت قىلىدىغان ئامما كۆپىيىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش رولى جارى قىلدۇرىلىدۇ.

    ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى  چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىق تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلىرىنى خىزمەتلىرىمىزدە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

    خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھە)» نى قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ قارىدى: نىزام (لايىھە) دا ئاساسلىقى يېتەكچى ئىدىيە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى نۇقتىلىق ئىگىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سانائەت رايونى ۋە شىنجاڭدىكى قەشقەر، قورغاس تەرەققىيات رايونىنىڭ بىر قەدەر مول تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئوبلاستىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنىپتۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى