بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 -يىغىنىنىڭ 2 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

    1 -ئاينىڭ 14 -كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 -يىغىنىنىڭ 2 -قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.      مۇخبىرىمىز چۆ.خۇرە فوتوسى

    1 -ئاينىڭ 14 -كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 -يىغىنىنىڭ 2 -قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭنىڭ سۆزى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.       مۇخبىرىمىز چۆ. خۇرە فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋەر قىلىدۇ: 1 -ئاينىڭ 14 -كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 -يىغىنىنىڭ 2 -قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا يەتتە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى پىكىر بايان قىلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ يىغىنغا قاتناشتى.

     ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئەركىن قاسىم، جۈ ۋېي، مو ۋېيگاڭ، سۈي جىنسۇڭ، قۇربانجان قۇتلۇق، ئەنۋەر ئابلا، داڭ فېڭ قاتارلىق  ئوبلاست رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

لى باۋجياڭ، دۇ يوڭجۈن، جوۋ بەييەن، پەرھات كېرەم، جاۋ جۈنگاڭ، ليۇ شاۋچياڭ، جياڭ فېڭمېي قاتارلىق يەتتە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئايرىم -ئايرىم ھالدا باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش؛ يېزا ئىگىلىكتە يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل بايىنغولىن قۇرۇش؛ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئۇنىۋېرسال سېترولۇق قاتناش–تىرانسپورت يولى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى كۈچەيتىش؛ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سۆز قىلدى. يەتتە سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يازمىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، پىكىر بايان قىلىش ماقالىسىنى تاپشۇردى.

    لى گاڭ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئەزالارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەھۋالىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئوبلاستىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوبلاستىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىنتايىن پىششىق ئىكەنلىكىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا چارە -تەدبىر كۆرسىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى ۋە كەسپى ساپاسىنى نامايان قىلىپ بەردى. بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تەكلىپ -پىكىرلەرنى ئوبلاستىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    لى گاڭ مۇنداق دېدى: 2017 -يىلى، ئوبلاستىمىزدىكى يۇقىرى –تۆۋەندىكىچە ھەممەيلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغان بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىگە قارىتا، بىز پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، «بىر باش نىشان»نى پۇختىلاپ، «ئىككى مۇھىم ھالقا» نى ئىگىلەپ، «بىر ياخشى مېخانىزم» نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، بولۇپمۇ تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشتە كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىلگىرى سۈردۇق ۋە ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى. ئوبلاستىمىزدا يۇقىرى –تۆۋەندىكىچە ھەممەيلەننىڭ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە -گۇرۇھلار، سودا -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە –گورۇھسىز زاتلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتى ۋە تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى باشتىن –ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتتى. ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىق دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەردە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. مەركەزنى باشتىن -ئاخىر چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى مەركەزلىك ماسلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتە يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ناھايىتى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق تۇرمۇشىغا باشتىن -ئاخىرى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەقىقىي قوغدىدى. ئىسلاھاتتا باشتىن -ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، تەرەققىيات ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك قىممەت قارىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

    لى گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، «13 – بەش» يىللىق پىلاندا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. بىز ھەم تۈرلۈك مۇھىم پايدىلىق ئامىللار مەركەزلەشكەن ياخشى شارائىتقا يۈزلەندۇق ھەم خېيىم –خەتەر، رىقابەت گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە، مۇشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە يۈزلەندۇق. يېقىندا ئېچىلغان ئوبلاستلىق پارتكوم 10 -نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەزكىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، بۇ يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئوبلاستىمىزنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گورۇھلار، سودا – سانائەت بىرلەشمىلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە – گورۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوبلاستمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن ھەر قايسى ئەزالارنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارىشىنى، مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويۇشى، نەتىجىلەرنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتاي روھى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جوڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايدىل ئۆگـىنىـپ ۋە ئىزچىللاشـتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە باشتىن -ئاخىر بىردەك بولۇشى كېرەك. بايىنغولىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى چىقارغان سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلار بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل ۋە كۈچىنى ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نىشان، ۋەزىپىلەرگە قارىتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

    ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىمائي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پۇختا ئاساسىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.  ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى كەڭ دائىرىدىكى ئالاقە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا، قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوبلاستلىق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بۇ يىلقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتى، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى شۇنداقلا داۋالاش -سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلىپ، توغرا تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەننى سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەل رايىنى تەكشۈرۈپ، ئەل رايىنى ئىگىلەپ، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى كېرەك.

لى گاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ئىختىساسلىقلار، دانا تەدبىرلىكلەر كۆپ بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە چوڭ نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، چوقۇم بۈيۈك نەتىجىلەر روياپقا چىقىدۇ. بىز تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئامما تەدبىر كۆرسىتىش، ئاممىنىڭ كۈچىگە تايىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ بايىنغولىن سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى