بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • «ھالاكەت دېڭىزى»دىن يېشىل بوستانلىققىچە − نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر (2)

«ھالاكەت دېڭىزى»دىن يېشىل بوستانلىققىچە

− نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر (2)

    بۈگۈنكى كۈندە، شابوتۇنىڭ «ھۆسن- جامال»ىغا شۇنداقلا بىر قارىغان كىشى ئۇنىڭ ئاشۇ يازما خاتىرىلەرگە پۈتۈلگەن 20- ئەسىرنىڭ 50- 

    يىللىرىدىكى قورقۇنچلۇق قىياپىتىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ.

    زومچەك- زومچەك قۇملارنىڭ باغرىغا مەھكەم تېڭىلغان شاھمات تاختىسى شەكىللىك قومۇش تورلار بىلەن ھەر بىر كاتەكچىنىڭ ئارا- ئارىسىدىن ئۈنۈپ چىققان قومۇش ۋە ئاللىقانداق رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ، كىشىگە ئوتقاشتەك خوتەن گىلىمىنى ئەسلىتىدۇ، قومۇش تورنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى قامغاق ۋە سۆكسۆكلەردىن بىنا قىلىنغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بەلبېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپى يىراقتىكى مۇداپىئە ئورمان بەلبېغىغا تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا چىملىق مەيدانغا ئوخشايدۇ. قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدە ئوبدانلا بوي تارتىپ ئۆسكەن يۇلغۇنلار كىشىگە خۇددى قۇملارنىڭ بوستانلىقلارغا باستۇرۇپ كىرىپ كېتىشىنى مەھكەم توسۇپ تۇرۇۋاتقان قاراۋۇللاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇداپىئە ئورمان بەلبېغىدىكى دەل- دەرەخلەرنى مەڭگۈلۈك ماكان تۇتقان نەغمىچى قۇشلارنىڭ چۇڭۇلداپ سايراشلىرى بۇ سىرلىق تۇپراقنىڭ «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەن «قالپاق»نى ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. قۇملۇق باغرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تۆمۈريول، سەل نېرىدا قۇملۇق تامان يول ئالغان تۆگە كارۋانلىرى، قۇم بارخانلىرى ۋە يېشىل ئورمانلار ئارىسىدىكى بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن تاشيوللار، بۇ يوللاردا لىققىدە ساياھەتچىنى بېسىپ باپكارنىڭ موكىسىدەك ئۇياقتىن- بۇياققا غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەت ئاپتوموبىللىرى، زۇمرەت سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىقلار، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان سۇۋادان تېرەك ۋە مەجنۇنتاللار، ئېرىق بويىدىكى چىرايلىق ياغاچ ئورۇندۇقلار، كەڭرى كەتكەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، مەيدان ئەتراپىدىكى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ماگىزىن ۋە ئاشپۇزۇللار… مانا بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى گويا ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن سېھىرلىك بىر ماكانغا كېلىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ.

    60 يىللىق تىرىشچانلىق، 60 يىللىق ئەجىر- مېھنەت ۋە 60 يىللىق جاپالىق «جەڭ» بەدىلىگە ئىلگىرىكى «ھالاكەت دېڭىزى» مانا بۈگۈن باغۇبوستانلىققا، ئىنسانلارنىڭ ئارامبەخش سەيلىگاھىغا، قۇش ۋە جان- جانىۋارلارنىڭ كۆڭۈللۈك ماكانىغا ئايلانغانىدى. كەڭرى كەتكەن قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، قۇم بارخانلىرىغا روبىرو ھالەتتە ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىئە ئورمانلىرى بۇ تىلسىماتقا تولغان سېھىرلىك ماكاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نىڭشيالىقلارنىڭ چېھرىدە پەخىرلىك كۈلكە پەيدا قىلغانىدى.

    پاكىت شۇكى، نىڭشيالىقلار 60 يىل قۇم بارخانلىرى بىلەن «ئېلىشىپ»، قۇم بارخانلىرى «يۇتۇۋالغان» 160 مىڭ گېكتار يەرنى يېشىللىققا قايتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، شابوتۇنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 60 يىل ئىلگىرىكى %1 كىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە %42.5كە يەتتى، بىر يىل ئىچىدىكى بورانلىق كۈن ئىلگىرىكى 330 كۈندىن ئازىيىپ، 100 كۈنگە چۈشتى، بۇ يەردىكى ئۆسۈملۈكلەر تۈرى ئىلگىرىكى 25 خىلدىن كۆپىيىپ، 450 خىلغا يەتتى، بۇ يەرنى ماكان تۇتقان قۇشلار ۋە جان- جانىۋارلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈز خىلدىن ئېشىپ كەتتى. شابوتۇ قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى كاتتا نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى مۆجىزە»، «دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى» دېگەن كاتتا تەرىپلىرىگە نائىل بولدى.

     شۇنىسى ئېنىقكى، شابوتۇ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلانغان بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ نىڭشيانىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى بىردىنبىر قۇرۇلۇشى ئەمەس. يەنى، نىڭشيالىقلار قومۇشتىن شاھمات تاختىسى شەكىللىك تور توقۇش ۋە «بەش بەلباغنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسىنى شابوتۇدا قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، بۇ تېخنىكىنى دەرھال قۇم ئاپىتى ئېغىر يەنچى ناھىيەسى، تۇڭشىن ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قۇم تىزگىنلەش بويىچە بىر مەيدان كەسكىن جەڭنى باشلىغانىدى. دەرۋەقە، بىز بۇ قېتىمقى «نىڭشيا سەپىرى»دە بۇ جايلارغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىپ، قۇملۇقلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان مۇداپىئە ئورمانلىرى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بەلبېغى ۋە چېكىنگەن قۇملارنىڭ ئورنىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئېتىزلارنى كۆردۇق.

    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئىزچىل مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شابوتۇ رايونى، يەنچى ناھىيەسى، تۇڭشىن ناھىيەسى ۋە لىڭۋۇ شەھىرىدىن ئىبارەت «مەملىكەت بويىچە قۇم تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئۈلگىلىك رايون»لارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تاغنى قاشالاپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى بىنا قىلىش، تەبىئىي ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. «12- بەش يىل»دا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بېكىتكەن قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى 300 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئەمەلىي ئورۇندالغان كۆلەم 654 مىڭ 300 گېكتارغا يېتىپ، ۋەزىپە %218 ئورۇندالغان، 2016- يىلىغا كەلگەندە ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا 109 مىڭ 700 گېكتار ئازايغان، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ئازايغان چۆللەشكەن يەر 21 مىڭ 900 گېكتاردىن توغرا كەلگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە بەش يىلدا ئازايغان قۇملاشقان يەر كۆلىمى 37 مىڭ 700 گېكتارغا، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ئازايغان قۇملاشقان يەر كۆلىمى 7500 گېكتارغا يەتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2009- يىلىدىكى %11.9 تىن كۆپىيىپ، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە %12.63 كە يەتكەن. 2006- يىلىدىن بۇيان، نىڭشيا يەنە مىسىر، ماراكەش، ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 170 تىن ئارتۇق خادىمنى قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇقىرىقىدەك كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە «قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك ئورۇن» شەرىپىگە ئېرىشكەن.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى