بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزنىڭ 2 – قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى

    مۇخبىرىمىز لى رۇيخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئوبلاستىمىزنىڭ 2 – قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە جەمئىي 806 مىڭ 637 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %100.66 بولۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

    2017 – يىلى ئوبلاستىمىزدا جەمئىي 120 داۋالاش ئورگىنى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانا 17، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت مەركىزى 17، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى 10، يېزا – بازارلىق دوختۇرخانا 81، پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتى ئالتە، سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كەسپىي تېخنىكا خادىمى 2897.

2 – قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تاماملاش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئوبلاستىمىزدىكى 120  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەسىدىن 650 تىن ئارتۇقنى سەپلەپ، DR ماشىنىسى، ئېلېكتىروكاردىئوگراف، قان ھۈجەيرىسىنى ئانالىز قىلىش ئاپپاراتى قاتارلىقلاردىن 335 نى سېتىۋالغان، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا كەتكەن ئومۇمىي مەبلەغ 86 مىليون 330 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى 6 – ئايدىن بۇرۇن سېتىۋېلىنىپ دەل ۋاقتىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك (ئوبلاست، ناھىيە، يېزا) سۈپەت تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سۈپەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلغان.

    بىر يىلدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى، ئىلگىرى سۈرۈلۈشى تەرتىپلىك، نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولغان، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى «ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش، ساغلاملىق تەربىيەسى، چوڭ كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىك ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، «كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، كىچىك كېسەللىكنى ئالدىن داۋالىتىش» ۋە كېسەللىكلەرنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش» تىن ئىبارەت ساغلاملىق ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە تەدرىجى سىڭدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنىقلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ئوبلاستىمىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلمىي ۋە تەپسىلىي نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

    

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى