Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ــ مېنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ــ مېنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,328 قېىتىم

كۆكچول كەنتىدە ئۇزاق مەزگىل ئولتۇراقلاشقان، بىردىنبىر خەنزۇ كەنت ئاھالىسى جۇ فېڭشۆ ئەزەلدىن ئىشىكىنى قۇلۇپلىمايدۇ، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ:

كەنتىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ــ مېنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم

                 سۈرەتتە: 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، جۇ فېڭشۆ يول بويىدا كەنت ئاھالىسى بىلەن پاراڭلاشماقتا.        ياۋ چېڭ فوتوسى



    ئۆز مۇخبىرىمىز جۇ خەيشا خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخۇ يېزىسى كۆكچول كەنتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت، كەنتتە 94 ئائىلىلىك بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئائىلىلىك خەنزۇ، لېكىن دائىم ئولتۇرۇشلۇق خەنزۇ ئاھالىدىن پەقەت بىرسىلا بار، ئۇ بولسىمۇ جۇ فېڭشۆ، جاڭ سۇيۈن بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر. جۇ فېڭشۆ ئائىلىسىنىڭ بىر ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقىماسلىق. ئۇنىڭ ئۆيىنى تاقىماسلىق ئادىتى نېمە سەۋەبتىن شەكىللەنگەن؟ ئۇ پەخرىلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقىنىم، بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز. بۇ يەردە ئادەم ئاز، سىرتقا چىققاندا ئىشىكنى تاقىمايمەن، ئىش قىلىپ ھېرىپ كەتكەن، ئۇسساپ ياكى قورسىقى ئېچىپ كەتكەن كىشىلەر ئۆيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىپ، سۇ ئىچىپ، ئازىراق بىر نەرسە يەپ چىقسا بولىدۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۆيۈمدە ئەزەلدىن بىر نەرسە يۈتۈپ باقمىدى.

    جۇ فېڭشۆ كۆكچول كەنتىگە يېڭى كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

    جۇ فېڭشۆ بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يۇرتى ئەنخۇيدا، يۇرتىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغانلىقتىن، 1986 – يىلى، ئۇ يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە باغراش ناھىيەسىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلدى. كېيىن، باغراشتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەچكە، ئۇ كۆكچول كەنتىگە كۆچتى. ئۇ 50 مو يەر سېتىۋېلىپ، كۆكچول كەنتىدە تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى.

    جۇ فېڭشۆ يېڭى كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتا قىينالغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر گەمە كولاپ شۇ يەردە تۇرغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ھۈسەن ئىبراھىم، گۈلئايشەمخان ئوسمان ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نان ۋە ماي ئەكىلىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇ فېڭشۆ دائىم ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ تۇرغان، يەنى، 10 نەچچە تۇخۇم، قوي گۆشى، ئۆرۈك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلغان. بىر -بىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، جۇ فېڭشۆ ھۈسەن ئىبراھىمنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشىكنى قۇلۇپلىمايدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇمۇ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشىكنى قۇلۇپلىماسلىققا ئادەتلەنگەن، بۇ ئادەت ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

    جۇ فېڭشۆنىڭ ھۈسەن ئىبراھىم بىلەن بولغان دوستلۇقى 10 نەچچە يىل داۋام قىلغان، 2004 – يىل 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ھۈسەن ئىبراھىم ئالەمدىن ئۆتكەن، 2007 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، گۈلئايشەمخانمۇ ئۆلۈپ كەتكەن. كۆز يۇمۇش ئالدىدا، گۈلئايشەمخان جۇ فېڭشۆنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئۈچ ئوغلىنى (چوڭ ئوغلى خېلىل ھۈسەن، 2 – ئوغلى سۇلايمان ھۈسەن، كىچىك ئوغلى داۋۇت ھۈسەن) كۆرسىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلغان، جۇ فېڭشۆ گەرچە بۇ گەپلەرنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلىغا قاراپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن.

    ھازىر بۇ ئۈچ ئوغۇل ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان بولۇپ، كىچىك ئوغلى داۋۇت ھۈسەن مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇ فېڭشۆ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى، چوڭ ئاكام تۇغۇلىشىدىنلا ئاغرىقچان ئىدى، ئىككىنچى ئاكام نەچچە يىل ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالدى، ئائىلىمىز قىيىن ئەھۋالغا قالغاندا، جۇ فېڭشۆ قەرزلىرىمىزنى تۆلىۋەتتى، ئۇ قەرز ھۆججىتى ئېلىشقىمۇ ئۇنىمىدى، مەن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سۆزلەپمۇ تۈگىتىپ بولالمايمەن.

پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «شياۋ جۇ» نىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ باققان

    جۇ فېڭشۆنى پۈتۈن كەنت ئاھالىسى «شياۋ جۇ» دەپ ئاتايدۇ، بۇ نام بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسىنى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ.

جۇ فېڭشۆ كەنتتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سۆزلىگەندە، ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ.

    ـ- پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنىڭ ئۆيۈمدە تاماق يەپ باققان، ھەممىسى مەن ئەتكەن تاماقنى بەك ئوخشايدۇ دەپ ماختىشدۇ. بىر قېتىم، كەنتىمىزدىكى بىر كىشىنىڭ بالىسى توي قىلدى، كەنتتىكى ئاشخانىدا توي ئۆتكۈزۈلدى، ئەسلىدە بىر ئۇيغۇر كىشى قورۇما قورۇماقچى ئىدى، مېنى كۆرۈپلا قورۇما قورۇشقا تەكلىپ قىلدى، مەن چوڭ تەخسىلىك توخۇ، تۇخۇم قورۇمىسى قاتارلىقلارنى چىقاردىم، كەنت ئاھالىلىرى يەپ ناھايىتى خۇشال بولدى، – دەيدۇ جۇ فېڭشۆ.

    جۇ فېڭشۆ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. 2008 – يىلى، 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، جۇ فېڭشۆ بىر كىچىك تۆت چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەپ، ئۈچ توننا پاختىنى توشۇپ ماڭىدۇ، تاشيولدىكى دۆڭگە چىققاندا، تۇيۇقسىز چوڭ ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ داۋۇت ھۈسەنگە تېلېفون قىلىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا 20 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ياردەمگە كېلىدۇ. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىچىك تۆت چاقلىق موتسىكلىتنى تارتىشىپ بېرىدۇ، يەنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پاختىلىرىنى تىرىشىپ، خالتىغا سېلىشىپ بېرىدۇ.

    ـ- ھېلىقى مەنزىرە تا ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن كۆكچولدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىق نىيىتىگە كەلدىم، – دەيدۇ جۇ فېڭشۆ.

كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەخمۇت مەمەت جۇ فېڭشۆگە تولىمۇ قايىل، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇ فېڭشۆ يېزىمىزدا ئۇدا بىر نەچچە يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولدى، 2015 -،  2016 – يىلى ئۇدا ئىككى يىل بۈگۈر ناھىيەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بېرىشقا ئامراق، بىزنىڭ كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى