Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىزدا مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 515 قېىتىم

ئوبلاستىمىزدا مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

تۈزەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل بايىنغولىن قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك

    ئۆز مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 -ئاينىڭ 8 -كۈنى ئوبلاستىمىزدا مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك سىنلىق يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەنگە قايتۇرغان پىكىرى توغرىسىدىكى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۇپ، ئوبلاستىمىزنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ئوبلاستىمىز رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى كەم -كۇتسىز تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئوبلاست رەھبەرلىرىدىن جيا چۇنلىن، ئەركىن قاسىم، ئەنۋەر ئابلا، خۇيەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرى ۋە تۈزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

لى گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، ھەر قايسى تارماقلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى قايتما  پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، راستچىل خىزمەت ئىستىلى، يۈكسەك خىزمەت قىزغىنلىقى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوبلاستىمىزدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

    لى گاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى مەسئۇل ناھىيە، شەھەر ۋە مەسئۇل تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پوزىتسىيەنى تـوغرىلاپ، مەۋقەنى ئېنىق قىلىپ، ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈزىتىش لايىھەسىنى تولۇقلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ، بىر – بىرلەپ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلە تىزىملىكى، ئىش تەرتىپى دىئاگراممىسى، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، كونكرېت مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل ئادەملەرنى ئېنىقلاش كېرەك. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىغىچە توختىماسلىق كېرەك. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار تارماقلار مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭ تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى قاتلام ، ھەر قايسى ھالقىلاردا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل رەتلەپ، بىر – بىرلەپ تەتقىق قىلىپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىشتە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تۈزىتىش تەدبىرى يېتەرلىك، جايىدا بولمىغان، سۆرەلمىلىك، ساختىلىق قىلغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى بايقىغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ، قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

    تۈگجەجاپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي مەيدانىمىزنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ۋە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ كونكرېت ھەرىكەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى بولغان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. ھەر قايسى ناھىيە، تارماق ۋە ئورۇنلار ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، «ئارقىغا قاراش» ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامنى كۈچلۈك سۈرۈشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش – تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئوبلاستىمىزنى ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئوبلاست قىلىپ قۇرۇپ چىقشىمىز كېرەك.

    ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى