Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئوبلاستىمىزدا 2017 – يىللىق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتى باشلاندى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا 2017 – يىللىق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتى باشلاندى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 593 قېىتىم

ئوبلاستىمىزدا 2017 – يىللىق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتى باشلاندى

    

    ياردەم پۇلى تارقىتىلىدىغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 634 مىڭ 600 موغا، ياردەم مەبلىغى 91 مىليون 620 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىدۇ

    ئۆز مۇخبىرىمىز جى شياۋجېن خەۋەر قىلىدۇ: 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئوبلاستىمىزدا «ئوبلاستىمىزنىڭ 2017 – يىللىق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ لايىھە دەپ ئېلىندى) ئېلان قىلىنىپ، ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، پىلان بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىلىدىغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 634 مىڭ 600 موغا، ياردەم مەبلىغى 91 مىليون 620مىڭ 500يۈەنگە يېتىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىلى ئوبلاستىمىز ئەمەلىي ياردەم پۇلى خىزمىتى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكتىكى «ئۈچ تۈر تولۇقلىما ياردەم پۇلى» سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتلۇق ئۇرۇق تولۇقلىمىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلى مەبلىغىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، قوغداش ياردەم پۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەتتى.

    «لايىھە» گە ئاساسەن، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ساقلاش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى جەھەتتە، ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەرگە قارىتا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەمەلىي تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇغداي، سىلوس، بېدە تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ھەربىر موسىغا 100يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئاق يەرگە تېرىلغان كۆممىقوناق ۋە ئالاھىدە ئىقتسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان زىرائەتلەر (كېۋەز، قىزىلچا، قوغۇنسىمان مېۋە، ئوچۇقچىلىقتا تېرىلغان كۆكتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تېرىلغان يەرلەرنىڭ ھەرموسىغا 18 يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلى ئوبلاستىمىزدا بۇغداي تېرىلغان 653 مىڭ 200 مو يەرگە 65مىليون 320 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. سىلوس خام ئەشياسى تېرىلغان 40مىڭ 900 مو يەرگە، 4مىليون 92مىڭ 600 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. كۆممىقوناق دېنى تېرىلغان 349 مىڭ 800 مو يەرگە، 6 مىليون 292 مىڭ 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، قىزىلچا تېرىلغان 77مىڭ 800 مو يەرگە، 7مىليون 781 مىڭ 700يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان مۇچ تېرىلغان 513 مىڭ 400 مو يەرگە، 8 مىليون 129مىڭ 800 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ياردەم پۇلى تارقىتىلىدىغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1مىليون 634 مىڭ 600 موغا، ياردەم مەبلىغى 91 مىليون 620 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى