Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 224 قېىتىم

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

   

    ئۆز مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ، لى لىڭ خەۋىرى: 1 -ئاينىڭ 5 -كۈنىدىن 7 -كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 6 – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىستاتىسكا باشقارمىسىنىڭ مەخسۇس خادىمى شۈ گوچياڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئوبلاستىمىزنىڭ 2017 – يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى دوكلات يىغىنىدا، شۈ گوچياڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئوبلاستىمىزنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    2017-يىل ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىلىرى ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەۋپ -خەتەرنى تەكشۈرۈش – تۈزەش سىستېمىسى، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئورتاق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مـۇكـەممەللــەشتـۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى سالدى. ئوبلاستىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم، ھادىسىنى تىزگىنلەش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش سانى ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوبلاستىمىز بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك تەدبىر، پولاتتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى بولۇپمۇ پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇقىم بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

    تۈگجەجاپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ناھىيە، ھەر قايسى تارماقلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ خاتىرىلەپ، شۇنداقلا تېزدىن ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، قاتلاممۇ-قاتلام بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى ۋە كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتى ھەمدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يېڭى كان گۇرۇھى چىنخۇا كۆمۈر كېنى، بايىنغولىن جىنفۇ ئالاھىدە يىپ چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى .

    ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان قۇتلۇق، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى تۇرسۇنجان ئابدىلىم قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى