بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بيەن شوشىڭ

    

    نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش ــ پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بويىچە قايتىدىن يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەت ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بېرىلدى.

    2017 – يىلىدىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى، گۇيجۇ، نىڭشيا، سەنشى قاتارلىق تۆت ئۆلكە، رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لودۇڭچۈەننىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ، «بەش بىر تۈركۈم»،  «ئون دەل جايىدا بولۇش»، «ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت» قاتارلىق تەدبىرلەردىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «13 – بەش يىل»لىق پىلاننىڭ ئۇلىنىشىدىكى ھالقىلىق يىل.2020  – يىلىغا بارغاندا، نامرات نوپۇس ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغۇزۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.

    سىياسىي مەيداننى ئۆستۈرۈپ،«تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.

نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يىلتىزىنى چىرىتىدۇ.پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆتتە ئومۇميۈزلۈك بولۇش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي ئىرادە بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كۆپ قېتىم شۇجى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ، نامرات ناھىيە، شەھەر، يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارغىچە ئاچتى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا، چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ھەمدە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكىتلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ۋە كونكرېت تەلەپنى كۈچەيتىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى قەشقەردە ئاچتى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەتچىلىك قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى. 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، شۇجى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلدى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. 12- ئاينىڭ 22 – كۈنى يېپىلغان ئوبلاستلىق پارتكوم 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا، لى گاڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، توغرا، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 14 كۆك نامرات يېزا، بازار، 16 كۆك نامرات كەنتكە قارىتا، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ تېزدىن ئۆز ئالدىغا تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقە باغلاش تۈزۈمى ۋە كەنتكە چۈشۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە «بىرىنچى شۇجى» نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى  توپلاپ ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام، قاتتىق قائىدە بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭىش ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، بولۇپمۇ 19 نامرات كەنت تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سىياسىي مەيدانىنى ھەقىقىي ئېنىق قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كەم – كۈتىسىز، ياخشى قىلىپ، تەشۋىق قىلىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە نىشان ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە بايقاپ، مەسىلىگە توغرا يۈزلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئامما ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك..

    2 مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىشلەپ، بارلىق خىزمەتلەرنى نامرات ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك». ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، ئوبلاستنىڭ نامراتلارنى يۆلىشى ۋە تەرەققىياتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، شۇنىڭدەك ئوبلاستلىق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىغان مەسىلىلىرىدىن قارىغاندا، ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يەنىلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولماقتا، بۇنىڭ ئاساسىي ئىپادىسى: بىرىنچى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بولۇپمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش جايىدا بولمىغان؛ ئىككىنچىدىن، بىر قىسىم دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىلا جايىدا بولمىغان، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىك ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، قەرز پۇل تارقىتىش ئاستا بولغان. ئۈچىنچى، نامرات ئائىلىلەرنى دەل جايىدا پەرق ئېتىش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يەنە تېگى – تەكتى ئېنىق بولماسلىق، سان ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت؛ تۆتىنچى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭى ئاجىز، «يۆلىنىۋېلىش» ئىدىيەسىى مەۋجۇت بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز، گەرچە ھەر قايسى ناھىيە – شەھەرلەر ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدىيەۋى تەربىيە جەھەتتىكى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىش زۆرۈر. بەشىنچى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش يەنىلا جايىدا ئەمەس. ناھىيە، يېزا – بازار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىشى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە قوللانغان تەدبىرلىرى كۈچلۈك ئەمەس، ئىنتىزام قاتتىق ئەمەس، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئەمەس. ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك.

    بىرىنچىدىن، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بېسىم پەيدا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بىرىنچى قول رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ناھىيە، يېزا – بازارلىق پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى دەرىجىمۇ -دەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە ئورۇنلار، يېزا – بازار، كەنت گۇرۇپپىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، كىم مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسا شۇنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بولماسلىق، جايىدا بولماسلىق مەسىلىلىرى؛ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاجىز، تەرەققىياتى ئاستا بولۇش مەسىلىسى؛ نامراتلارنى يۆلەش، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى؛ ساختىپەزلىك قىلىش، «رەقەملىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»،  «يالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلماسلىق، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق، جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، بايقاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى  بايقىيالماسلىق، سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئومۇمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى جەريانىدا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدا «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «قوش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش» كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق، ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىسىدە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلغاننى قايتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرگەننى قايتا تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نۇقتىلىق بەزى يېزا – بازار، كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرخىل ھالەتتە توختاپ قىلىش، خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش يېتەرلىك بولماسلىق، پىكىر يولى ئېنىق بولماسلىق، ئۈنۈملۈك تەدبىرى يېتەرسىز بولۇش؛  ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىغىن ئارقىلىق يىغىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شەكىلۋازلىق قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش يېتەرلىك بولماسلىق؛ بەزى كونا قـاراش، كـونا يـول بىـلەن چەكلىنىپ قېـلىش،  ئـەمـەلىـي ئەھۋالنى  تەتقىق قىلماسلىق،   خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوبلاست ۋە  ناھىيە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق تارماق ۋە ئورۇنلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى (ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى) رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇشلۇق تارماق، ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سىياسەت، بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى پائال ئىگىلەپ، تۈر، مەبلەغ باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئېغىشنى تۈزىتىپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

    ئۈچىنچى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ،نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش لازىم

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاھىدە تەدبىرلەردىن پايدىلىنىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلارنى دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت، نۇقتىلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى دىققىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا  قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي يېڭىشقا كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.

    بىرىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلىق  پارتكومنىڭ خىزمەت، تەلەپلىرىنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ناھىيە، شەھەر، يېزا -بازارلىق پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە بەنزە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، قاراشلىق رايونىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى بېجىرىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ، پارتكومغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش لازىم.

    ئىككىنچىدىن، ئەرزىيەت -پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. ھازىرقى بار بولغان ئەرزىيەت، تور، تېلېفوندا پاش قىلىش سۇپىسى ئاساسىدا، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يىپ ئۇچى مەنبەسىنى كېڭەيتىش لازىم. ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، دەۋا تەلىپىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بايقاپ، ناھىيە، شەھەرلىك، يېزا -بازارلىق پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر بىر تۈرلۈك ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش، ئەرزىيەت، تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇ قۇرۇلۇشى، قاتناش قاتارلىق ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن  كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنىڭ ۋاقتىدا يوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى، تۈر، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بايقىغان ھامان، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەش لازىم.

    ئۈچىنچىدىن، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ھەر قايسى تەكشۈرۈش، كۈزىتىش -تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى قەرەللىك، قەرەلسىز ھالدا ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، دوكلات قىلىشى لازىم. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەلىپىنى ئۆلچەم قىلىپ، كۆزنى يوغان ئېچىپ، سەزگۈرلىكنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، يالغانچىلىق قىلىش، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلىپ، ئاستىرتتىن خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ ۋە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، ھۆكۈمەت بۇيرۇقلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلەرگە قارىتا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىقى بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نازارەت قىلىش جەريانىدا مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بايقالغان نامرات كەنتلەر، نامرات ئائىلىلەرنى «ئارقىغا قاراش» قا تەشكىللەپ، ئائىلىلەرنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش لازىم.

    تۆتىنچىدىن، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق، تېز سۈرۈشتۈرۈش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى «تۆت خاھىش»، «تۆت ناچار كەيپىيات» ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق، تېز، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق  چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

    بەشىنچىدىن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشنى دائىملاشتۇرۇش لازىم. پارتىيە ئىچىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش بىلەن تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىكى تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىش، ئاشكارە تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان «تۆت خاھىش»، «تۆت ناچار كەيپىيات» ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئاشكارە، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنىڭ ئاشكارىلاش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش  جەريانىدا ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە قاتتىق بولۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

    ئالتىنچىدىن، مەنبەدىن تۇتۇپ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى ۋە يېقىنقى يىللاردا تەكشۈرۈلگەن نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى دېلولارنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئانالىز دوكلاتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنى تەربىيەلەپ، شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىر قىسىم تىپىك مەسىلىلەرنى رەتلەپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ۋە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى لازىم.

يەتتىنچىدىن، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش خىزمەتنىڭ «ئايلىق دوكلات بېرىش، پەسىللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش، يېرىم يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ھەر قايسى ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى  ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ھەر ئايدا ئالدىنقى ئايلىق نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سـۈرۈشـتۈرۈشـنى  نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى يوللاپ،  ھەر  پەسىلدە شۇ دەرىجىلىك نامراتلارنى  يۆلەش   ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى يىغىنچاقلاپ ئانالىز قىلىشى، ھەر يېرىم يىلدا خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قەرەللىك مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت ئەھۋالىنى  تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ نازارەت قىلىش خىزمىتى تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    4. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2018 ـ يىلىدىن باشلاپ 2020 ـ يىلىغىچە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، داۋاملىق تۈردە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتىن ئەمەلىي تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقىچە سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئاممىۋى خىزمەتنى نازارەت قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى بېسىپ تارقىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياردەمچى بولۇش ئەھۋالىنى مۇھىم نازارەت قىلىش مەزمۇنى قىلدى. ئوبلاستىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوملارنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، دىققەتنى نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، مەبلىغى، تۈرلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ مەسىلىلەرنى بايقىشى ۋە دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

    بىرىنچىدىن، «ئىككى مەسئۇلىيەت» نى ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۈجۈپىلەپ نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مۇقەررەر جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ھەر بىر ھالقىغا دىققەت قىلىپ، خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىسىغا زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىدىغان نۇقتىنى توغرا تېپىپ، نازارەت قىلىدىغان ئورۇننى توغرا بېكىتىپ، نازارەت قىلىنغان نۇقتىنىڭ قايتا نازارەت قىلىنىشىنى، تەكشۈرۈلگەن ئورۇننىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ سۆھبەتلىشىش، ئىنكاس قايتۇرۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى تۈزۈپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى زور كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ كېتىش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆرۈنۈشتە ياخشى قىلغاندەك ئىشلەش قاتارلىق «يېتىشىۋېلىش» قىلمىشلىرىنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك؛ «مۇكەممەل كۆرسىتىش»، «مەبلەغنى بىر جايغىلا ئىشلىتىش» قاتارلىق «قۇرۇق سۆلەتلىك قىلىش» قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، قاتلاممۇ – قاتلام ۋەزىپىنى ئاشۇرۇش، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق «قەدىمىگە يېتىشىۋېلىش» قىلمىشلىرىنى ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى چوقۇم تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت روشەن پوزىتسىيە بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ۋە نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمەن نازارەت قىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە يۈز بەرگەن رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشۈش شەكلىدىكى چىرىكلىك دېلولىرىنى قەتئىي تۈردە «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش» ۋە «قوش مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش» نى يولغا قويىدۇ؛ ئومۇمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى تەكشۈرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق مەسىلە بايقالمىغان، دوكلاتتىمۇ خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى كۆرۈلمىگەن، خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان ناھىيە، شەھەر، يېزا – بازار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە سۆھبەتلىشىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش»، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش» توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئېلىپ بېرىلدى. نامرات نوپۇسنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش بىز چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگەنگەننى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيداننى ئاڭلىق ئۆستۈرۈش كېرەك، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەخسۇس تۈزەش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، «ھۈنەرۋەن روھى» ۋە «مىخ قېقىش روھى» بىلەن، ھالقىمۇ ـ ھالقا چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت» نى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چوقۇم باشتىن – ئاخىر چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت» نى توغرا ئىشلىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئورۇنغا، گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «يىلتىز» نى  توغرا تېپىپ چىقىپ، جاۋابكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «قاتتىق جازالاش» نى دەل جايىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەسىلە ئارقىلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەربىيە بېرىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك. يۇقىرىدا تەلەپ قاتتىق بولۇش، تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى بوشىشىپ كېتىش، بېشىدا چىڭ تۇتۇپ ئاخىرىغا بارغانسېرى بوشىشىپ كېتىش، بەزىدە چىڭ تۇتۇپ بەزىدە بوشاشتۇرۇپ قويۇشتەك مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئەرزىيەت – پاش قىلىش، مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقاش، دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايلانما مەسىلىلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، پاكىتنى ئېنىقلىمىغۇچە بولدى قىلماسلىق، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسىلىلەرنى تۈزەش جايىدا بولمىغۇچە بولدى قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلىك بولسىلا چوقۇم قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى قەيەردە بولسا نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش شۇ يەردە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يوچۇق قويماسلىق»، «تولۇق قاپلاش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. خىيانەت قىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار قىلىش، ساختا مەلۇمات يوللاش، ئالدىغا كەلگەنلىكى ئىشتىن نەپكە ئېرىشىۋېلىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى  ئىگىلىۋېلىش قاتـارلىق نامـراتـلارنى يۆلەش مەبلىغى «ئېرىمچىك» ىنى ئۆز ئالدىغا  تارتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك مەسىلىلەرنى نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئىنتىزامنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىدىغان روھ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبى بىلەن زىچ باغلانغان، ھەر ۋاقىت ئەنسىرەيدىغان ئىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، چوقۇم پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى