Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئورۇندۇقتا سىردىشىش ــ جيا چۈنلىننىڭ تۇغقان يوقلاش خاتىرىسى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئورۇندۇقتا سىردىشىش ــ جيا چۈنلىننىڭ تۇغقان يوقلاش خاتىرىسى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 04 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 369 قېىتىم

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ يەنسەي، جياڭ كەي خەۋىرى: 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قاراشەھەر ناھىيەسى شىكشىن بازىرى شىكشىن كەنتى 3 – گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى زورىگۈل ياقۇپ ئۆيىنى پاك – پاكىزە تازىلىدى. ئۇ ئۇچرىغانلىقى كىشىگە: ئۆيىمىزگە ئەزىز مېھمان كېلىدۇ، – دەيتتى.

    2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، زورىگۈل ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن قوشماق تۇغقىنى يەنى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چۈنلىننىڭ قولىدىن گۈرۈچ، مېۋە – چېۋە، ياغلارنى ئالغاچ مۇنداق دېدى:

    ــ جيا ئاكا تېز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇڭ. مەن تېلېۋىزوردىن ئوبلاستىمىزدا ئېچىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى كۆرۈپ، سىزنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم.

    ـ- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىمىز، بىز ھەممىمىز جوڭگولۇق، – زورىگۈلنىڭ بەش ياشقا كىرگەن نەۋرىسى ناخشا ئېيتقاچ سەكرەپ كەلدى. جيا چۈنلىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، زورىگۈلنىڭ نەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، بىرلىكتە خۇشال پاراڭلاشتى.

    ـ- قىش دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتى، ئىليار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟، ـ- جيا چۈنلىن زورىگۈلدىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى بىر – بىرلەپ سورىدى.

    ـ- ئوغلۇم ئىليار ئۆيدە ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىۋاتىدۇ، سودىسى ناھايىتى ياخشى، ھەر كۈنى مال يەتكۈزۈپ ئۆيگە بەك كەچ قايتىدۇ. سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى، – دېدى زورىگۈل.

    ــ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتى دېھقانلارنىڭ ئالدىراش ۋاقتىغا ئۆزگىرىپتۇ، ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، – دېدى جيا چۈنلىن.

    زورىگۈلنىڭ ئۆيىنىڭ ئىسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جيا چۈنلىن پۇل چىقىرىپ، ئاپتوموبىل تېپىپ، ئىككى توننا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، زورىگۈلنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. زورىگۈل مۇنداق دېدى:

    ــ بۇ كۆمۈرلەر بىزنىڭ بىر قىش ئىشلىتىشىمىزگە يېتىدۇ، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، جيا ئاكىغا ئېيتساملا، ھەرۋاقىت ياردەمگە ئېرىشەلەيمەن.

    ـ- بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق، بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، – دېدى جيا چۈنلىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

    ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى بىلىشتە مۇھىمى يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك! ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى جيا چۈنلىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ بەس – بەستە كېلىشتى، جيا چۈنلىن يېزا تەرەققىياتىنى سۆزلەپ بەردى. كەنت ئاھالىلىرى توختىماي مۇنۇلارنى سورىدى:

    ــ مەركەز يېزا – كەنتلەرنى قانداق گۈللەندۈرىدۇ؟ يېزا – كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى زادى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟ جيا چۈنلىن 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى «كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش»، «گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى»، «ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك» قاتارلىق مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كونكرېت مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سەۋرىچانلىق بىلەن بىر – بىرلەپ چۈشەندۈردى. كەنت ئاھالىلىرى بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە راستتىنلا ئەھمىيەت بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. 2 – نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدىكەن، بىزنىڭ كۆڭلىمىز تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى! بېيىش قىزغىنلىقىمىز بارغانسېرى كۈچەيدى.

    بىردەمدىلا كەچلىك تاماق ۋاقتى بولدى، مەززىلىك گۈرۈچ تامىقى ۋە توخۇ قوردىقى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلدى.

    ـ- بۇ تاماقنى كېلىنىمىز ئۆز قولى بىلەن ئەتتى، بۇ قورۇمىنى ئۇ توردىن ئۆگەنگەن، – دېدى زورىگۈل تونۇشتۇرۇپ.

    ـ- يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلغاندا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، – دېدى جيا چۈنلىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خۇشاللىق بىلەن تاماق يېگەچ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

    كەچ كىردى، جيا چۈنلىن ۋە خىزمەتچى خادىملار زورىگۈلنىڭ ئۆيىدە تۇردى. جيا چۈنلىن مۇنداق دېدى: ئاممىغا نىسبەتەن، مەيلى ئېتىز – ئېرىق باشلىرى بولسۇن، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ھالىغا يېتىشىمىز كېرەك. ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە بېرىپ، ئۆزئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك «ئورۇندۇقتا سىردىشىش» ىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ باشلامچىسى، يېقىن سىردىشى بولغىلى بولىدۇ، ئامما ئاندىن بىزنى ھەقىقىي تۈردە ئىزدەپ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىدىغان بولىدۇ، ئاخىرىدا ھەقىقىي سىرداش دوستلاردىن بولغىلى بولىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى