بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)

    بارلىق ئۇلۇغ نەتىجە كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرغاندا قولغا كېلىدۇ، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كەلگۈسىگە يول ئېچىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا يېڭى تەبىر بېرىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىمىز، بۇ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىشى، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تىرىشىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. بۇ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، شۇنداقلا كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغۋار پىلان.

    2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيەمىزنىڭ خەلق، تارىخ ئالدىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يولداش دېڭ شياۋپىڭ 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «جۇڭگودا ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق تىرىشىپ، بۇ نىشانغا قەرەلىدە يەتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى. مۇشۇ ئاساستا، پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا 1 مىلياردتىن كۆپرەك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ يېڭى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى ھەم ئۇنى يېتەكچى ئورۇنغا قويدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ماس ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

    ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەڭ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى، قالغان ئۈچ يىلدا 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم تاشلاتقۇزۇش چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز، بۇنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز ھەم ئىقتىدارىمىز بار.

    خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك، پارتىيە 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز ھالقىلارغا كۈچىشىمىز، بولۇپمۇ زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەزەلدىن زىچ باغلاپ كەلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىشكە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئابىدە. تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەرەلىدە يەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم تاشلايمىز، بۇ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانى، ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزۇن. پۈتۈن پارتىيە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرىشىدە جەزمەن غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگۈزۈشى كېرەك.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى