بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

    رەھبىرىي كادىرلار چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن تۇغقانلىشىشى كېرەك

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شىڭ جىڭ خەۋىرى: ئوبلاستىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى ۋە كۈنەس بازىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇغقانلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگەندى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، «ئەڭ يىراق ئائىلە»گىچە يەتكۈزدى.

    12- ئاينىڭ 11 – كۈنى، شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى شاربۇلاق كەنتىدىكى تۇغقىنى ھەمراجان سۇلتاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇغقىنىغا گۈرۈچ، ماي، كۆمۈر قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى ھەمدە خېجىڭ بازىرىدىكى ئۇيغۇر چوڭ مەسچىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    چارۋىچىلار قىشلىقى چارۋا باقىدىغان يايلاقنى «قىشلىق يايلاق» دەپ ئاتايدۇ، «قىشلىق يايلاق» چەت رايوندا، قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، كۆچمە سىگنال راۋان بولمايدۇ، بۇ رايونلاردا كۆكتات ئىنتايىن كەم بولىدۇ. 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، شى جيەنيۇڭ يېسىۋېلەك، شوخلا، قىزىلمۇچ، پېدىگەن قاتارلىق كۆكتات ۋە گۈرۈچ ، ماي قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ، ئەگرى – توقاي چارۋا يولىنى بويلاپ دېڭىز يۈزىدىن 3600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۈنەس بازىرىنىڭ خۆتكەلدى كەنتىدىكى تۇغقىنى نامجىلنى يوقلىدى.

  نامجىل بىر ئائىلە كىشىلىرى بالدۇرلا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ساقلاۋاتاتتى، تۇغقىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ نامجىل تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، شى جيەنيۇڭنڭ قولىنى ئۇزاققىچە سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

    ـــ بۇ سوغۇق كۈنلەردە سىلەرنى شۇنچە يىراق يەردىن مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، مەن ھەقىقەتەن بەك خۇش بولدۇم.

    شى جيەنيۇڭ كۆكتات، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى نامجىلغا سۇنغاچ مۇنداق دېدى:

    ـــ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا تۇرۇپ، سىلەرگە ئاۋارچىلىق ئەكىلىدىغان بولدۇم.

    كەچتە شى جيەنيۇڭ نامجىل بىلەن تاماق يېگەچ «قىشلىق يايلاق»تىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. نامجىل ئائىلىسىنىڭ بۇ يىل باققان قوينىڭ سانى 130قا يەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كەنت دەرىجىلىك ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ مۇنداق دېدى:

    ــ تۇرمۇشىڭلار بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ، مەنمۇ چىن قەلبىمدىن سىز ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىمەن. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ھازىر سىياسەت بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، سىز تىرىشىپ كۈنلىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈڭ.

    تاماقتىن كېيىن شى جيەنيۇڭ ئەتراپتىكى نىشارە، تۆمۈرتە ئىككى چارۋىچى ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇلارغىمۇ كۆكتات، ئۇن، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئاپىرىپ بەردى. چارۋىچى نىشارە خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى:

    ــ پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى، ھازىر بىزنىڭ ئو ت – چۆپ تولۇقلىما پۇلىمىز بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن ياخشى بولغان نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز. شى جيەنيۇڭ «قىشلىق يايلاق» نى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، «قىشلىق يايلاق» تىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئۆگىنىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

    شى جيەنيۇڭ خېجىڭ ناھىيەسى ۋە كۈنەس بازىرىدىكى رەھبەرلەرگە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چەت رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان، ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تاماملاش كېرەك، چارۋا يولىنى ياساش ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق چارۋىچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىناق، خاتىرجەم قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشى، بولۇپمۇ يىراق، تارقاق چارۋىچىلىق رايونىدا پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلار ئاڭلاشقا ئامراق، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى