بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاش توغرىسىدىكى قارارى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ

ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاش توغرىسىدىكى قارارى

(2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چەي دۇڭبو خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» نى ماقۇللىدى. تولۇقلاپ سايلاش ئارقىلىق بېكىتىلگەن موۋېيگاڭ، ۋاڭ لۇجۈن، جى خۇڭخۇي، نا يۇڭگاڭ، ما سۈنرېن، بادەي، تۇرسۇنجان ئەبەيدۇللا، ئەركىن مەخمۇت، ليۇ گاڭ قاتارلىق توققۇز كىشىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى قارار قىلىندى.

    لەن شياۋچىڭ، مەمتىمىن قادىر، جاڭ چېڭيى، ليۇ فۇلىن، شيې يىڭجو قاتارلىقلار بايىنغولىن ئوبلاستىدىن يۆتكەپ كېتىلدى. ۋەكىللەر قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، لەن شياۋچىڭ، مەمتىمىن قادىر، جاڭ چېڭيى، ليۇفۇلىن، شيې يىڭجو قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ۋەكىللىك سالاھيىتىنى توختىتىش قارار قىلىندى.

    باغراش ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياڭ لىڭ، ۋاڭ شىچۈن قاتارلىقلارنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. خوشۇت ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شاڭ چىڭنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش چاغدىرنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى، قاراشەھەر ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش جياۋرۇينىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. ۋەكىللەر قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ياڭ لىڭ، ۋاڭ شىچۈن، شاڭ چىڭ، چاغدىر، جياۋرۇي قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

    چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئابدۇۋەلى سۇلتاننى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. قاراشەھەر ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياڭ شياۋدۇڭ، گۇشىن قاتارلىق يولداشلارنى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. چەرچەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جيا دېفۇ، يۈسۈپ قاسىملارنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى قالدۇردى. ۋەكىللەر قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئابدۇۋەلى سۇلتان، ياڭ شياۋدۇڭ، گۇشىن، جيا دېفۇ، يۈسۈپ قاسىم قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى قارار قىلىنىپ بېكىتلدى.

(مەنىە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى