Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2018- 01- 04 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 386 قېىتىم

   ئىختىيارىمۇخبىرىمىز چەي دۇڭبو خەۋەر قىلىدۇ: 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق يىغىنى كورلىدا ئېچىلدى. ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جيەنيۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن فېڭ شۆخەي، ئۇرنا، جاۋ ۋېنجى ۋە باشقا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملاردىن بولۇپ 23 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ لۇجۈن، ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كەن . باتە، ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ۋاڭ گويۈلەر يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

    يىغىندا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى (دەسلەپكى لايىھە) ئاڭلىنىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاشنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ قارالمىسى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە پىلان – خامچوت تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى ئىسىملىكى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنىڭ پىلان – خامچوت تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى ئىسىملىكى (دەسلەپكى لايىھە)، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ «كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى» نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (دەسلەپكى لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ئوبلاستىمىزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئالاقىدار خادىملاردىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 -قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى قارار قىلىندى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – قېتىملىق يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    شى جيەنيۇڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە چاقىرىق قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم ئوبلاستىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر سىياسىي مەيدانى ۋە ئىدىيەۋىي تونۇشىنى ئاڭلىق ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىملىق يىغىننى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆزلىرى ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئۈلگىلىك سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقا ۋەكىللەرنى يېتەكلىشى ۋە ئۇلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە ياخشى روھىي ھالەت بىلەن ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بۇ قېتىملىق يىغىننى دىققەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، دېموكراتىك ئىتتىپاقلاشقان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىنىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان چوڭ يىغىن قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئىشەنچى ۋە ئوبلاستىمىز تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

    ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى ۋە ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى