بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرەيلى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26- ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

    ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق.

    «يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا يەنىلا ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى پەزىلىتىنى ساقلىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىزغا، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا ۋە نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى نامايان قىلىندى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتتى. پارتىيەمىز ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشقا، ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئىدىيە- نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى پەزىلىتى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى سىناپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ خىل دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى پەزىلەت پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى، ئىجادىي كۈچىنى باشتىن- ئاخىر ساقلىشىدىكى ئاچقۇچ. ئاساسىي نەزەرىيە ۋە يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكتىن، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى دەۋرچانلىقىنى نامايان قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقىنى بېيىتىپ، تۈگىمەس ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

    نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەم ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيەمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىجادىي ئەمەلىيىتى داۋامىدا دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي تەرەققىياتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېڭى تېمىلارغا يۈكسەك نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى بىلەن ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، نەزەرىيە جەھەتتە داۋاملىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيەنى يىغىنچاقلاپ، مول ئىجادىيلىققا ئىگە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان ئىدىيە- نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى مۇجەسسەملىگەن، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودىكى ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقان، شۇنداقلا ئۇ پارتىيەمىزنىڭ 21- ئەسىردىكى ماركسىزم تەرەققىياتىغا قوشقان يېڭى تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى.

    دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. ماركسىزم − ئېچىۋېتىلگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيە سىستېمىسى، ئۇ ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرغىنى يوق، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئاچتى. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو ئېلىمىز تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتماقتا. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم نەزەرىيەنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش جەريانىدا غەلىبىگە ئېرىشىشتە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك نەزەر بىلەن ئويلىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز، نەزەرىيە جەھەتتە نەزەر دائىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى نەزەرىيەلەرنى يىغىنچاقلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى