بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

   مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

   

    كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرىلىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېتەكلەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20-دېكابىر تېلېگراممىسى.مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسىنى خۇلاسىلىدى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، باشقا ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى مۇھىم ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلدى. ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %7.1 كە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىساد تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە چىدامچانلىققا ئىگە قىلىندى. سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىندى. خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى شەكىللەندۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى، سالمىقى، ئۈنۈمىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىز ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىگىلىدۇق، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق. بىز پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا سىڭدۈردۇق؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئىگىلەش، يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە قويۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلىدۇق؛ بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇسىنى قەتئىي تۈگەتتۇق؛ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ قارار چىقىرىپ، رېتسىپنى توغرا يېزىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلدۇق؛ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشى بويىچە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتۇق؛ توغرا خىزمەت تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋى جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.


    يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا بۇرالدى. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ماسلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيەتلىك راۋاجلىنىشىغا ئەمەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىساد سىياسىتىنى تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇشتىكى تۈپ تەلەپ بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، ئۈنۈم ۋە نەتىجىنى باھالاش سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018- يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىقتىساد خىزمىتىدە يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇنلىشىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرىلىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېتەكلەش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمى − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ، ئۇنىڭدا چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «مۇقىملىق» بىلەن «ئىلگىرىلەش» دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە، ئۇنى چوقۇم بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەپ، خىزمەت رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتمەي، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە تۈرلەرنى قوللاش سالمىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى قىسقارتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز پۇل ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پۇختا ۋە ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتىدە نېيتراللىقنى ساقلاپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش باش قاپقىقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، پۇل كىرېدىتى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەكشى، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خېيىم- خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. قۇرۇلمىلىق سىياسەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ساقلانما بايلىقلارنى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما، بولۇپمۇ ئەلئارا سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەتتە گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا پەسەيتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قەدەمنى يەنىمۇ تېزرەك ئېلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق بېكىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىكى تەلەپلەر بويىچە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا زور خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭ نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىدۇ. زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، مۇھىم نۇقتا پۇل مۇئامىلە خېيىم- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مۇلازىمەت قىلىشتا، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئۆي- زېمىننىڭ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەدە خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئاجىز ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەنى ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، بەلگىلەنگەن نامرات ئاممىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى نىشانلاپ، ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلىك كۈچەپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، باھالاش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە نۇقتىلىق غەلىبە قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە تېجەش سالمىقى ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ياسىغاندىن جۇڭگو ئىجاد قىلغانغا بۇرۇلۇش، جۇڭگو سۈرئىتىدىن جۇڭگو سۈپىتىگە بۇرۇلۇش، ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە بۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئامىللارنى بازار ئارقىلىق تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مۇھىم نۇقتا «تۈگىتىش»، «تۇرغۇزۇش»، «تۆۋەنلىتىش»كە كۈچ سەرپ قىلىش. ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى كۈچەپ تۈگىتىپ، «مۇردا كارخانا»لارنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېڭى ئېنېرگىيەنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەننەرخىنى، تۈزۈملۈك سودا تەننەرخىنى كۈچەپ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى داۋاملىق ئېنىقلاپ، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلېكتىر كۈچى، نېفىت تەبىئىي گاز، تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

    ئىككىنچى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كاپىتالى بويىچە ھوقۇق بېرىلگەن تىجارەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىركەت قانۇنىي ئىگە تۈزەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئايرىش، تۈزەش كېرەك. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى چەكلىمە ۋە تۈرلۈك يوشۇرۇن توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، يېقىنلىق- پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىللارنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك توسالغۇلارنى تۈگىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سىياسىتىنى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئاشلىق سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاش باھاسى ئارقىلىق بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قىلىپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

    تۆتىنچى، رايون ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش دەرىجىسىنى بىرقەدەر تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باراۋەرلەشتۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇۋاپىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يىرىك پىلانىنى يۇقىرى پەللىدىن، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۈزۈش كېرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق سودىنىڭ، كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى قوللاش كېرەك. غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش كېرەك. گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. شەھەرلەر توپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۆچمە نوپۇسلارنى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە كۆتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

    بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئېچىۋېتىش ئىدىيە كۆزقارىشى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشى، تۈزۈلمە مېخانىزمى جەھەتتىن يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پاسسىپ تىزىملىكنى داۋاملىق ئىخچاملاپ، چەت ئەل مەبلىغىگە ئالاقىدار قانۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكسپورت سۈپىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. مۇلازىمەت سودىسىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك.

    ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا سىياسەتلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى ئېغىر بولۇش، «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى»، «چوڭ سىنىپ نورمىسى» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، بوۋاقلار، بالىلارنى بېقىش ۋە بالىلارغا بولغان دەسلەپكى تەربىيە مۇلازىمىتى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جىنسىي كەمسىتىش، سالاھىيىتىنى كەمسىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى تېزلىتىش كېرەك. «كېسەل كۆرسىتىش تەس، قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى داۋاملىق ياخشى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرگە كىرىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. توردىكى ساختا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى، شەخسلەر ئۇچۇرىنى ھايىنىغا سېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ، ھالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ مەشغۇلات قىلىش كېرەك.

    يەتتىنچى، كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ يوللۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتەك تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۆي ئىجارىگە بېرىش بازارلىرى، بولۇپمۇ ئۇزاققىچە ئىجارىگە بېرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجارە مەنپەئەتدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، كەسىپلەشكەن، ئاپپاراتلاشقان ئۆي ئىجارە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ئۆي- زېمىن بازارلىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي- زېمىن بازارلىرىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئىش ھوقۇقىنى ئېنىق ئايرىپ، پەرقلىق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش كېرەك.

    سەككىزىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى زور كۆلەملىك يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلىرى، كوللېكتىپ، شەخس، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەپ، مەخسۇس ئېكولوگىيەنى قوغدايدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «سۇغا ئالاقىدار ئون ماددا»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يەرگە ئالاقىدار ئون ماددا»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىشتىكى بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن مېخانىزمنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق ئىنتېرۋاللىقىنى ساقلاش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ سىجىل تېز يېتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئۈچنى قالدۇرۇش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زور پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، زور خېيىم- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، سېلىنمىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش، باھالاش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ دادىل يېڭىلىق يارىتىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ كېلەر يىلى ياخشى باشلىنىشىغا، ياخشى قەدەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان قىسمەن كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەربىي قىسىم شۇنداقلا قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

(مەنبە:http://uyghur.xjdaily.com/47/48650.html)


  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى