Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پەيتنى قولدىن بەرمەي خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پەيتنى قولدىن بەرمەي خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن
  • يوللىغان ۋاقتى:2017- 12- 25 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 411 قېىتىم

بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پەيتنى قولدىن بەرمەي خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن

خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇخان ئابدۇرېيىم

 

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى يىراقنى كۆزلىگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پۈتـۈن پارتىـيەنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە يىغىن بولۇپ، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېتىقاد، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت، ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىش پەزىلىتى سىڭگەن، كىشىگە ئېتىقاد، يۆنىلىش، ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈچ – قۇۋۋەت، غەلىبە قىلىش ئىشەنچى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم بېسىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىگە ئايلاندى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن شۇنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىمكى، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئۇنتۇماي، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن.

    «ياخشى يېتەكچى» بولىمەن. پارتىيە ئەزاسى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى ۋە بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىمنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش ئاساسىدا، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە، بىر تۇتاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. مەن باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى كادىرلىرى قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تازىلايمەن.

    «ياخشى تەشۋىقاتچى» بولىمەن. شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇلۇغ پارتىيە، ئۇلۇغ ۋەتەن، بۇ مۇنبەت زېمىن ۋە بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن سۆيىمەن. مەن پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاكتىپلىق بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى خىزمەت ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشـۋىق قىلىپ، ئاممىنى باشتىن – ئاخىر چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  «ياخشى مۇلازىمەتچى» بولىمەن. خەلق ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇم ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرىدا خەلقنى سۆيۈش» دېگەن خىزمەت ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، خەلق مەنپەئەتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك قىلىپ، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشقا تىرىشىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بىرمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ئارقىدا قېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن.

    «ياخشى لايىھەلىگۈچى» بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلـەن، مـەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تۈرلۈك خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى پائال پىلانلاپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش، مېيىپلارنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش كاپالىتى تۈزۈمى، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى بىلەن يۆلەش – ئېچىش سىياسىتىنى ماشلاشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىك تورىنى پۇختا توقۇيمەن.

    ھەممىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشانغا دىققەتنى بۇراپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىمىز تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى