بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا يېزا -بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنى تاللاپ، خېبېي ئۆلكىسىگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى ئوبلاستمىزدىن تاللانغان 84 كادىر خېبېيغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى

ئوبلاستىمىزدا يېزا -بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنى تاللاپ، خېبېي ئۆلكىسىگە  ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

ئوبلاستمىزدىن تاللانغان 84 كادىر خېبېيغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى

    ئۆز خەۋىرىمىز: پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق پارتكوم ئاساسى قاتلامدىن تاللانغان 84 كادىرنى خېبېيغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئوبلاستىمىزدا يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنى تاللاپ، خېبېي ئۆلكىسىگە  ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى.

   ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي جىنسۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىشى، سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى لازىم. ئاڭلىقلىق بىلەن سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى باشتىن – ئاخىر ۋەزىپىنى تاماملاش جەريانىغا سىڭدۈرۈش، ئىدىيە -نەزەرىيە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭتىشى لازىم. ئەمەلىي چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى، ئىلغار ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ،تىرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم. خىزمەت ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، ھەرۋاقىت بىر «يېڭى ئەسكەر» دەك ھالەت بىلەن يېڭى مۇھىتقا، يېڭى خىزمەتكە پائال ماسلىشىپ، يېڭى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تېگىشلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش لازىم. ئوبلاستىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، خېبېي ئۆلكىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بايىنغولىننى چۈشىنىشى، بايىنغولىنغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. كادىرلارنى ئەۋەتكەن ۋە قوبۇل قىلغان ئورۇنلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان ئورۇنلارنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زېھنى كۈچىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، چېنىقىش جەريانىدىكى ياخشى نەتىجىلىرى ۋە ئىستىلى ئارقىلىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورۇنلار مۇلازىمەت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش خىزمەت مۇھىتى يارىتىشى، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلارنىڭ چېنىقىش مەزگىلىدىكى ئىپادىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە بۇنى ئەلالارنى تاللاش ۋە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىشى كېرەك. باشقۇرۇش جەھەتتە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەربىيە، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. تۇرمۇش جەھەتتە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى غەم – ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم. ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلار بۇ قېتىملىق چېنىقىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خىزمەت قىلىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن تەشكلنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى ئاقلىشى كېرەك.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى