بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتلىكى» پائالىيىتىگە پائال ئاتلاندى

ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتلىكى» پائالىيىتىگە پائال ئاتلاندى

    ئۆز خەۋىرىمىز: 12 -ئاينىڭ 8 -كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بويىچە  سىنلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىپ خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوبلاستىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتلىكى» پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتتى ھەمدە پارتىيەلىك كادىر، ئىشچى -خىزمەتچىلەرنى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلەرگە تېزراق بېرىپ، ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىرىق قىلىندى. ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرايلى

    12 -ئاينىڭ 8 -كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسى مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەمدە ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، پۇختا، كەم -كۇتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى –خىزمەتچىلەر پائالىيەت جەريانىدا سىياسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سىياسىـي، ھـەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي، پۇختا قوغدىشى لازىم. بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى –خىزمەتچىلەر بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش ۋە تەربىيەلەش  قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلارغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.

    12 –ئاينىڭ 10 –كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى سەپەرۋەرلىك يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»پائالىيىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكتىلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ـــ نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى –خىزمەتچىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى  يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ، كەم –كۈتىسىز ياخشى  ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى –خىزمەتچىلەر «تۆت ئاڭ» نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانلار بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىشى لازىم، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ پائالىيەتكە  قاتنىشىش، ئۆيمۇ–ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە سىياسەتنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

    12- ئاينىڭ 8 -كۈنى، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ئاساسىي قاتلامدا «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى؛ پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك تىل، يېقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ پولات قورغانىنى مۇستەھكەملىشى؛ ئەمەلىي ئىشلارنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، باشتىن –ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشى لازىم. كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، مەدەنىيەت–تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ توپلىشى لازىم.

12-ئاينىڭ 8 –كۈنى، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يىغىنى روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى– خىزمەتچىلەر تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي « بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇشى لازىم. «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى لازىم.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى