بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • خېجىڭ ناھىيەسى چارۋىچىلارنى ساياھەت مۇلازىمىتىگە تايىنىپ كىرىم قىلىشقا يېتەكلىدى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: خېجىڭ ناھىيەسى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئات، قوتاز، تۆگە جابدۇقلىرى، كىيىم- كېچەك، ساياھەت ھارۋىسى سېتىۋېلىپ، كىگىز ئۆي ياسىتىپ نامرات چارۋىچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق پۇل تېپىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەدەت بەردى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق «ئاق قۇ كۆلى» ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 17 نامرات چارۋىچىنى قاتناشتۇرۇپ ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇپ، چارۋىچىلارنى ساياھەت مۇلازىمىتىگە تايىنىپ كىرىم قىلىشقا يېتەكلىدى. چارۋىچى ساڭجارا ساياھەت كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرگە كىگىز ئۆي ئىجارە بېرىش، يېمەك- ئىچمەك، سوغۇق ئىچىملىك سېتىش ئارقىلىق ئالدىنقى يېرىم يىلدا 50 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. چارۋىچى سەيۋۇجاپ شىركەت قۇرۇپ، بايىنبۇلاقتىن چىقىدىغان قار لەيلىسى، تەبىئىي گۈمبەمەدەك، قوتاز گۆشى قاتارلىق يەرلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھالقىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگە ساتتى، مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىن بايىنبۇلاققا كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە باشقا ئىستېمالچىلار تالىشىپ سېتىۋالىدىغان كوزىر مەھسۇلاتقا ئايلاندى. بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى چارۋىچى ئاراش ھازىر 60 ئېتى، 60 قوتىزىنى ساياھەتچىلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، خوتۇنى، قىزى ئۈچى ساياھەتچىلەرگە موڭغۇللارنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، كۈندە 3000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپماقتا.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى