بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • مائارىپ مىنىستىرلىقى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بىكار قىلىنىدىكەن» دېگەن ئۇچۇرنى ئىنكار قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بىكار قىلىنىدىكەن» دېگەن ئۇچۇرنى ئىنكار قىلدى

    يېقىندا توردا «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئۆزگەرتىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بىكار قىلىنىدىكەن» دېگەن ئۇچۇر تارقالغانىدى. 12- ئاينىڭ 5- كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش شەرتى تېخى ھازىرلانمىدى، ھازىرقى باسقۇچتا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى(2017- 2020)»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق ئومۇملاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت ۋە ھەقسىز دېگەن بۇ ئۈچ ئۇقۇم ئوخشىمايدىغان ئۇقۇملاردۇر.

    بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016- يىلى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بىز بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا يولغا قويۇلىدىغىنىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئىمتىھاندىن كۆپ خىل پايدىلىنىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.

(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

(مەنبە:http://uyghur.xjdaily.com/47/47956.html)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى