بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۇيۇشتۇردى

ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۇيۇشتۇردى

    پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

    ئۆز خەۋىرىمىز: 12 -ئاينىڭ 7 -كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۇيۇشتۇردى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ  شۇجىسى بيەن شوشىڭ ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى كادىرلارغا پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە  مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى  چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك كونسۇلتاتسىيە قىلدى ۋە شەرھىيلىدى.

    بيەن شوشىڭ «يېڭى دەۋردە يېڭى تەلەپنى نىشانلاش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش» نى ئاساسىي تېما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 -نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 -ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 -ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق  قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تونۇشى ۋە تەسىراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى چوڭقۇر شەرھىيلىدى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، «ئىككى 100يىل» لىق ۋە «ئىككى باسقۇچلۇق» كۈرەش نىشانلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانداق چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئالتە جەھەتتىن  چۈشەندۈردى شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن ئىدىيە ۋە تونۇشنى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بويىچە يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، مېڭىنى پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىچكى جەھەتتىن قەلبكە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    بيەن شوشىڭ ئوبلاستىمىز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى تەكىتلەپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئوبلاستلىق ئىنىتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە نەزەرىيە  جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە  تۆۋەندىكىدەك كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تارىخىي زور مەسئۇلىيەتنى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى؛ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غايىسى ھەممىدىن ئەلا دېگەن كۆز قاراشنى كۈچەيتىشى؛ ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ بىر تۈركۈم سەممىي – سادىق، پاك -دىيانەتلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادە، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

    مەخسۇس تېمىدىكى پارتىيە دەرسى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىن شەكلىدە ئۆتۈلدى.

(مەنبە:بايىنغۇلىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى