Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا تارىخىي بۆسۈش بولدى - بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
Warning: mysqli_query(): (HY000/14): Can't change size of file (Errcode: 28 "No space left on device") in G:\phpsite\uyg\wp-includes\wp-db.php on line 1942
بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىدا تارىخىي بۆسۈش بولدى
  • يوللىغان ۋاقتى:2017- 12- 10 سەھىپە:سەھىپە ئايرىلمىغان ئاپتۇر: زىيارەت: 1,577 قېىتىم

    مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يىل  ئاخىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدىن ئارقا- ئارقىدىن خۇش خەۋەر كېلىشكە باشلىغان، يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 19 چوڭ تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىپ، رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئېلىپ بېرىلىدىغان تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى 3605 بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 2016- يىلى سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 180 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %90.1ى تاماملانغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە سېلىنغان مەبلەغنىڭ 6.1 ھەسسىسىگە، بۇلتۇر بىر يىلدا سېلىنغان مەبلەغنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتۈپ، تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 39 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن. يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ ۋە ياسالغان ئومۇمىي يول مۇساپىسى جەھەتتە يىللىق پىلان ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە 50 يېزا- بازار، 340 كەنتنىڭ تاشيول شارائىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدىكەن، 1 مىليون 250 مىڭ دېھقان- چارۋىچى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.

(مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى