بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگان كادىرلىرىغا دوكلات بەردى

    مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن 8- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ئورگان كادىرلىرىغا دوكلات بەردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    جىن لىچۈن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە رولى، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى بوغما ھالىتىنى ھەل قىلىش، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، بىر مەيدان ئېسىل دوكلات بەردى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بانكا باشلىقى جىن لىچۈننىڭ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مول، ئاساسى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، كۆز قارىشى ئالاھىدە، ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى، ئىلھاملاندۇرۇش رولى زور، بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «بارومېتىر»ى ۋە «كاتالىزاتور»ى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشى ۋە كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون ۋە ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا شىنجاڭ تۆھپىسىنى تىرىشىپ قوشۇشى كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش ئۈچۈن، بانكا باشلىقى جىن لىچۈننىڭ دوكلاتىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلىشىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە سىناق رايونىدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەردىن كۈچەپ ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپى ۋە خەۋپ- خەتەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن قاتارلىقلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.


(مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى