بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • يېقىلغۇ گاز ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى

(يېقىلغۇ گاز ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى): كونا زاپچاسلارنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇڭ، يېقىلغۇ گازنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن باش كلاپاننى ئېتىۋېتىشكە ئادەتلىنىڭ. يېقىلغۇ گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان ئوت يېقىشقا، ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۈزچاتىغا چېقىلىشقا ۋە تېلېفۇن قىلىشقا بولمايدۇ، دېرىزىلەرنى دەرھال ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئوت كەتكەندە دەرھال ئۆچۈرۈش ياكى 119 غا تېلېفۇن ئۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. گازدىن زەھەرلەنگەنلەرنى بايقىغاندا دەرھال ئوچۇقچىلىققا يۆتكەپ سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇتقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفۇن قىلىش كېرەك. (ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى)

(قىشتا بىخەتەر يول يۈرۈش ئەسكەرتمىسى): قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئاستا، سىلىق، مەدەنىي يول يۈرۈڭ. ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا ياكى تېيىلغاق يوللاردىن ئۆتكەندە، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرتىپلىك ۋە ئاستا يول يۈرۈش كېرەك. (ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى)

(كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى): كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى قىشتا كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئىسسىنىشتا بىخەتەرلىكنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. كۆمۈر، يېقىلغۇ گاز ئارقىلىق ئىسسىنىشتا جەزمەن ئۆي ئىچىدىكى كېرەكسىز گازنى چىقىرىۋېتىشنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، بىخەتەر ئوت ئىشلىتىش، يېتىپ تۇرۇپ تاماكا چەكمەسلىك كېرەك. (ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى