بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا تۇنجى قېتىملىق مۇزىكىلىق شېئىر بىلەن مەدھىيەلەش مەخسۇس كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئوبلاستىمىزدا تۇنجى قېتىملىق مۇزىكىلىق شېئىر بىلەن مەدھىيەلەش مەخسۇس كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

    ئۆز خەۋىرىمىز: 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كروران مېھمانخانىسىنىڭ دوكلات زالىدىن ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە ئاۋازى ياڭرىدى، ئۇسسۇلچىلار ئالمىشىپ تۇرىدىغان سەھنە چىرىغىنىڭ نۇرى ئاستىدا، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتىكى دېكلاماتسىيە مۇزىكىسىغا ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى. «يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» تېمىسىدىكى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇزىكىلىق شېئىر بىلەن مەدھىيەلەش مەخسۇس كېچىلىكى شادىيانە ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى.

    ئۇيغۇر ئۇسسۇلى، مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، تېز تېمپا، دۇمباق مۇزىكىسىغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت نومۇرلىرىدا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈش ئارقىلىق ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، ئوبلاستىمىزدىكى خەلقنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تەبرىكلەش روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.

    «مەن ئىپتىخارلىنىمەن، مەن غورۇر ھېس قىلىمەن، مەن جۇڭگولۇق!» كېچىلىككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس، شىنجاڭ دىرامما ئۆمكىنىڭ ئارتىسى ساڭ زۇڭجۇڭ «مەن جۇڭگولۇق» تېمىسىدىكى مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيەسىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ كېلىپ، مەيداندىكى بارلىق ئارتىس ۋە تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى.

ئەتلەس چىپاۋ كىيگەن مودىللارنىڭ لىزىم مېڭىشى، يوغان قاپاق كۆتۈرۈۋالغان قىزچاقنىڭ لەرزان ئۇسسۇلى … ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – سەنئەت ئىجادىيەت مەركىزى، ئوبلاستلىق چىپاۋ جەمئىيىتى، ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى بىرلىكتە تەييارلىغان «بىزنىڭ شىنجاڭ» مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى.

    ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – سەنئەت ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ جۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، ئوبلاستىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بىز ئەدەبىيات – سەنئەتنى باشلامچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشنى ئەمەلىي خىزمەت، تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكى ئارقىلىق ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوبلاستىمىزدىكى ئاممىغا ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلىمىز ۋە ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بەخش ئىتىمىز.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سەنئەت ئىجادىيەت مەركىزى، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتى، ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

(مەنبە:بايىنغۇلىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى