بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۇچىلىق سىستېمىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش دوكلات يىغىنى قانات يايدۇردى

بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۇچىلىق سىستېمىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش دوكلات يىغىنى قانات يايدۇردى

    ئۆز خەۋىرىمىز: 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۇچىلىق سىستېمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ئىدارىدىكى ئورگان، ئىدارە قارمىقىدىكى ئورۇن، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىك سۇچىلىق  ئىدارىلىرىدىكى كادىرلارنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تەشۋىق  دوكلاتىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە قانات يايدۇردى. ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق سۇچىلىق سىستېمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ جېنلياڭ مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

    كۆپچىلىك پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى، ئوبلاستىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سۇچىلىق ، ئېكولوگىيە، مۇھىت قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر كونكرېت لايىھە ۋە پىلاننى تەپسىلىي تۈزۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئوبلاستىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى ۋە چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    جاڭ جېنلياڭ مۇنداق دېدى : پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سۇچىلىق توققۇز چوڭ ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇلۇپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردە سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ،  «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ماكان تەڭپۇڭلۇقى، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا تەڭ كۈچەش» يېڭى دەۋردىكى سۇچىلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساس سالىدىغان، يىراقنى كۆزلەيدىغان ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سۇچىلىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا بايىنغولىن سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالقىسىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىن ئىتىمىز.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى